خەلقئارا مۇسابىقىدە ئۇيغۇر يىگىتى ئامىر ھىبۇللايېف مىس مېدالغا ئېرىشتى
2022.12.27
يېقىندا رۇسىيە تەركىبىدىكى باشقۇرتىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۇفادا تەنھەرىكەتنىڭ يەكمۇيەك ئېلىشىش تۈرى بويىچە 18-قېتىملىق خەلقئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ 51 رايونىدىن ۋە شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، ئەرمېنىيە، جەنۇبىي ئوسېتىيەدىن بولۇپ 3500 دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى يەكمۇيەك ئېلىشىشنىڭ 22 تۈرى بويىچە كۈچ سىناشتى. غالىپ بولغانلار مېداللار، پەخرىي يارلىقلار، باھالىق سوۋغىلار بىلەن تەقدىرلەندى.
مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ئارىسىدا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىنىڭ ياش ئۆسمۈرلىرىمۇ بولدى. ئۇلارنى يېزا خەلقى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.
2006-يىلى بايسېيىت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، ھازىر شۇ يېزىدىكى ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 10-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئامىر ھىبۇللايېف مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تەنھەرىكەتچى بولۇشۇمغا ئاكام ئەزىز سەۋەب بولدى. ئۇ ئەركىن چېلىشىشى تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. مەن شۇ ئاكامغا ئەگىشىپ ئون يېشىمدىن تارتىپ تەنھەرىكەتنىڭ مۇشۇ تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانىدىم. بىراق تۆت ئاي بولدى مەن تەنھەرىكەتنىڭ يەكمۇيەك ئېلىشىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ئاخىرقى قېتىم ئۇفادا بولغان مۇسابىقىگە ئىنتايىن كۆپ تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشتى. مېنىڭ تۈرۈم بويىچە تۆت يۈزدىن ئوشۇق ئادەم بولدى. ئۇ مۇسابىقىگە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ۋە سىرتتىن ھىندىستاننىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشتى. مېنىڭ رىقابەتچىم رۇسىيەدىن ئىسلامبېك دېگەن بالا بولدى. شۇنىڭ بىلەن يەكمۇيەك ئېلىشىشقا چۈشۈپ، نەتىجىدە 3-ئورۇنغا ئىگە بولدۇم. مۇسابىقە تۈگەپ، بىزنى مۇكاپات تاپشۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مېنىڭ بوينۇمغا مىس مېدالىنى ئاسقاندا، مەن قاتتىق خۇشال بولدۇم. مەن قازاقىستان پۇقراسى، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاتتىق پەخىرلەندىم. كېلەچەكتە باشقىمۇ دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئىگىلەپ، ئاتا-ئانامنى، خەلقىمنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىمەن».
ئامىر ھىبۇللايېف ئەركىن چېلىشىش بويىچە ترېنېرى بولغان پولات داناخۇنوفقا، يەكمۇيەك ئېلىشىش بويىچە ترېنېرى تۇرسۇنمەھەممەت ئابدۇللايېفقا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
ئامىرنىڭ ترېنېرى پولات داناخۇنوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ چېلەك يېزىسىدا تۇرۇپ، ئون يىل مابەينىدە بايسېيىت يېزىسىغا قاتناپ، ياش تەنھەرىكەتچىلەرنى مەشىقلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامىر مەندە ئالتە يىلدىن بۇيان مەشىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ۋىلايەتلىك، جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتتى. ئۇفاغا بېرىپ، ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلدى. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق بولدى. بىزنىڭ كۇلۇبنىڭ نامى ئەركىن كۈرەش بويىچە ‹لاچىن-پالۋان› دەپ ئاتىلىدۇ. چېلەك، مالىۋاي، بايسېيىت، ۋىنسوۋخوز، تاباكسوۋخوز ۋە باشقىمۇ يېزىلاردىن بولۇپ، 50 كە يېقىن بالا شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى ئۈچۈن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ، مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن شۇغۇللىنىۋاتقان بالىلارمۇ بار. بالىلارنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى يامان ئەمەس».
پولات داناخۇنوف يەنە مەزكۇر كۇلۇبتىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاساسەن ئۆز خىراجىتى بىلەن ۋىلايەتلىك، جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۇفادا بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىگە بايسېيىت يۇرتىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارغا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە خەلقئارا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چېمپىيون بولماقتا. مۇشۇ يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيەنىڭ ئانتالىيا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن «ئارمرېستلىڭ»، يەنى ئىككى ئادەم قول كۈچىنى سىنايدىغان تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر قىزى تەخمىنەن غوجامبەردىيېۋا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، چېمپىيون بولغان. ئۇ ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق تاشتىقاراسۇ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى. قازاقىستاننىڭ ۋە دۇنيانىڭ بىر نەچچە مەرتەم چېمپىيونى تەخمىنەن غوجامبەردىيېۋا ھازىر ئۆسكەمەن شەھىرىدىكى تەنھەرىكەت كۇلۇبىدا تېرېنېر بولۇپ ئىشلەيدۇ.