«قال، دېدى تەڭرى» : مۇساپىر شائىرەنىڭ ھەسرەتلىك تۇيغۇلىرى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تۈپەيلى، ئانا يۇرتىنى تەرك ئېتىپ چەتئەللەردە سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ئېلىم ئىگىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. 2017-يىلدىن بېرى تۈركىيەدە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇساپىر تۇيغۇلىرى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشنى توختاتمىغان ياش ئۇيغۇر شائىرە ئاينۇر مۇھەممەتتۇرسۇن چىن ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئاينۇر مۇھەممەتتۇرسۇن چىن 1990-يىلى خوتەندە تۇغۇلۇپ، تۆت يېشىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆچۈش سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان. 2013-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغان.

ئۇ 2013-يىلدىن 2015-يىلغا قەدەر ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا توختاملىق مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 2015-يىلدىن 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 2017-يىلى 3-ئايدىن بۇيان تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئاينۇر مۇھەممەتتۇرسۇن چىن نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئېلىم تەھسىل قىلماقتا.

ئاينۇر مۇھەممەتتۇرسۇن چىننىڭ ھازىرغا قەدەر نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن شېئىرلىرى ئېلان قىلغان.

2016-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان شائىرە ئاينۇر مۇھەممەتتۇرسۇن چىن بەزىلىرىنى ھەتتا ئۆزىمۇ تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان سەۋەبلەر بىلەن 2017-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان.

ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانىسى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان سەپداشلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا ھەسرەتلىك تۇيغۇلىرىنى يوشۇرالمىغان ئاينۇر مۇھەممەت تۇرسۇن ئۆز ئىجادىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتىدۇ؟ بۇلارنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىغا دىققەت ئاغدۇرغايسىز.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا.

قال، دېدى تەڭرى
ئاينۇر مۇھەممەتتۇرسۇن چىن


دېدىم مەن خەير-خوش، خۇش قال

ئىستانبۇل،

باغرىڭنى ئاچ ماڭا تارىم، خانتەڭرى …

لېكىن كېتىشكە بەرمىدى ھېچ يول،

قال، دېدى تەڭرى، قال دېدى تەڭرى.

سۆيگۈڭنى ئىستىسەڭ ئىستانبۇلدا سەن،

بەختىڭنى ئىستىسەڭ ئىستانبۇلدا سەن،

ئەسلىڭنى ئىستىسەڭ ئىستانبۇلدا سەن،

قال، دېدى تەڭرى… قال، دېدى تەڭرى.

مەن دېدىم بەك كىچىك ئۈمىد بەك كىچىك،

ئۇ دېدى بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى كەڭرى.

ئىشق - سەن تېخى كەچمىگەن كېچىك،

قال، دېدى تەڭرى… قال، دېدى تەڭرى.

مەن دېدىم بۇ يەردىن نېمە تاپارمەن،

بەلكى نەپسىم دەپ تىنماي چاپارمەن.

سۆيگۈدىن بىر گۈزەل ھايات بېرەرمەن،

قال، دېدى تەڭرى… قال، دېدى تەڭرى.

بىر غېرىب ئاشىقنى سېغىنمىسۇن دەپ،

مەشۇقى ئۆزگىگە بېقىنمىسۇن دەپ،

مۇھەببەت بەردىمغۇ يەنە نە تەلەپ،

كەتمەكچى بولغىنىڭ ئەمدى نە سەۋەب؟

مەن دېدىم ئاتامنى، ئانامنى دەرمەن،

ھەر دەقىق ئۇلارنىڭ غېمىنى يەرمەن.

ۋەتەننى سۆيگۈدىن ئەلا دەپ تۇرۇپ،

بۇ يات تۇپراقتا قانداق ئۈنەرمەن؟

ئۇ دېدى ئاتاڭنى پەرىشتەم تاپار،

خالىسام يۇرتۇڭنى قۇم تۇپراق ياپار،

ھامىنى سەن ئۇنى، ئۇ سېنى تاپار،

قال، دېدى تەڭرى… قال، دېدى تەڭرى.

ئېھتىمال كەتكىنىم كەتمىگىنىمدۇر،

ئاشىققا بۇ ئالەم بولغانمۇ كەڭرى؟

مەن دېدىم كېتىمەن، كېتىمەن چوقۇم،

قال، دېدى تەڭرى… قال، دېدى تەڭرى…


بىر نان ئۈچۈن

1

ھايات -

نان!

بىر ئادەمنىڭ

تىرىكلىكتىكى جەبرىسى

ھاياتتىكى سەبرىسى

ئۆلگەندىكى قەبرىسى

نان ئۈچۈن،

نان

نان

نان! . . .

بىر نان ئۈچۈن بەلكى شان-شەرەپ

بىر نان ئۈچۈن قەھر ۋە غەزەپ.

بىر نان ئۈچۈن تۆكۈلگەن قانلار،

بىر نان ئۈچۈن دۇنيا تۆت تەرەپ. . .

ۋەتەن ئۈچۈن يۆتكەيمىز تاشنى

بىر تال نان بار ئۇنىڭ ئاستىدا.

گۈزەللىكنى كۈيلەيمىز ھارماي،

نان بار ئېيتقان ھەر بىر ناخشىدا.

ئارام تاپماس بەلكى ھېچقاچان

بىر نان ئۈچۈن ياشىغان بۇ جان.

2

مۇھەببەت -

نان!

يارنى ئىزدەپ تاپقۇچىلىك

تەندىكى جان توختاپ تۇرسۇن.

يار بىلەن خوشلاشقۇچىلىك

دىلدىكى ھىجران توختاپ تۇرسۇن.

ئىشق دارغا ئاسقۇچىلىك

مېنى بىر نان ساقلاپ تۇرسۇن.

مۇھەببەت -

سەنسىز ياشاش مۇمكىن ئۆلمىسەم.

نانسىز ياشاش

مۇمكىن ئەمەس بىلسەم-بىلمىسەم.

نان -

ئۆمرۈمدە سەن بول.

سېنىڭ پۈتمەس قۇدرىتىڭ بىلەن

ئاچاي داغدام تىرىكلىككە يول.

3

ۋەتەن-

نان!

باينىڭ قورسىقىنى تويغۇزغۇچىلىك

ئۈچ.

يوقسۇلنىڭ كۈنىنى ئۆتكۈزگۈچىلىك

ئىككى.

غېرىبنىڭ جېنىنى قۇتقۇزغۇچىلىك

بىر. . .

يەر يۈزىگە زىرائەت تېرىغان

ئىلاھتۇر.

ئاچقا بىر تال نان بەرگەن

پادىشاھتۇر.

بىر غېرىچ يەر، بىر بۇردا نانمۇ

يېتەر باشقىلاردىن ئۇزاق ياشاشقا.

يېتەر تاپاننىڭ ئاستىدىكى يەر

ۋەتەن دەپ ئاتاشقا.

4

چۈشەندۈرۈپ قوياي، بۇ ھايات

بىر نان ئۈچۈن ئۆلۈپ قالماقتۇر.

چۈشەندۈرۈپ قوياي، مۇھەببەت

بىر نان ئۈچۈن ساراي سالماقتۇر.

چۈشەندۈرۈپ قوياي، ۋەتەن

بىر نان ئۈچۈن جاھان ئالماقتۇر.

نان غۇرۇردۇر، سۇندۇرما ئۇنى

يوقسۇللۇقتا ھەمدە ئاچلىقتا.

نان ئىپپەتتۇر، بۇلغىما ئۇنى

خورلۇقتا ۋە يالىڭاچلىقتا.

ھايات-ناندۇر، مۇھەببەت-ناندۇر

ۋەتەن-ناندۇر.

بىر چىشلەم-بىر چىشلەمدىن

ھەممىسى بىر ناندۇر.

بەلكى بۇ نان

بىزنى تىرىك ئەيلىگەن جاندۇر

5

سالام نان!

ئۆز يۇرتۇمدا سېتىلمىغان جان

ئۆز يۇرتۇمدا تېپىلمىغان نان

بىر نان ئۈچۈن كەتتىم ۋەتەندىن

بىر نان ئۈچۈن كەچتىم جاناندىن…

يات قولىدا قويۇپ ئانامنى

ياۋ قولىدا قويۇپ ئاتامنى

بۇيرۇغان يولۇڭغا ماڭدىم ئىلاھىم

يېتىم ۋەتەننى ئالسۇن پاناھىڭ …

مەن تېخى ئۆلمىدىم

ئالتە ئاي بولغىنىمدا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشتۈم ۋە

دوختۇرلارنىڭ كېرەكسىز گۆش قاتارىدا ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىشىدىن قاتتىق چىرقىرىدىم:

ئەي ئادەملەر

ئەمدىلا تۇغۇلدۇم

مەن تېخى ئۆلمىدىم.

ئالتە يېشىمدا بالدۇرلا مەكتەپكە كىردىم

ساۋاتسىز دادامنىڭ گېزىتنى تەتۈر تۇتقىنىچە مېنى تاپشۇرۇق ئىشلىتىشلىرى

جاپاكەش ئانامنىڭ كوتۇلداپ تۇرۇپ ئۈستى-بېشىمنى تۈزەشلىرى باشلاندى.

كېلەچەك ۋە ئىستىقبال ئالدىدا ئۇلارنى نائىلاج قويماسلىق ئۈچۈن

كىتابلارغا كارنىيىمغىچە كىردىم

دەپتەرلەرگە بېشىمچىلاپ چۆكتۈم

مۇئەللىملەرنىڭ تاپا-تەنىلىرىگە كۆمۈلدۈم.

شۇندىمۇ

ھاقارەتلەر ئارىسىدىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدىم:

كەچۈرۈڭلار،

مەن تېخى ئۆلمىدىم!

ياشلىقىم ۋاقتى ئۆتكەن بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتتى.

چوڭلارنىڭ نەزىرىدە

ئۆتمۈش شۇ قەدەر توغرا ئىدىكى، زىنھار خاتالاشقىلى بولمايتتى.

ئۆزۈم بۇ يەردە ئىدىم،

ھاياتىم ئۇ يەردە مېنى چاقىراتتى.

ھاراق ئىچىش

تاماكا چېكىش

كېچىلىك كۇلۇبلاردا تاماشا قىلىشتىن ئىبارەت رېئال چۈشلىرىمنى جەننەتكە ئېلىپ قويۇپ

سۇغا بېشىمنى چۆكتۈردۈم.

بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدە تېپىرلاپ تۇرۇپ يەنە شۇ گەپنى تەكرارلىدىم:

مەن تېخى ئۆلمىدىم!

مۇھەببەتكە كېچىكىپ كەلدىم.

ئۆز ئىختىيارىمچە ئەمەس،

قېيىپ

ياكى ئايلىنىپ ئەمەس،

دەل ئۇدۇللىنىپ كەلدىم.

سۆيۈشۈمدىن سۆيگۈ تۇغۇلدى

ئۇنى باقتىم

پەرۋىشلىدىم

چوڭ قىلدىم.

ئۇ

زۇۋانغا كىردى،

مېنى ھاقارەتلىدى.

ماڭدى

مەندىن يىراقلاپ كەتتى.

شۇ ۋاقىتتا

ماڭا

ئاھ. . .

خويمۇ يارىشاتتى ئۆلۈم.

شۇندىمۇ

كۆكسۈمدىكى زەيكەشتە يېنىك ئىڭراپ تۇرۇپ دېدىم:

مەن تېخى ئۆلمىدىم!

نامرات ئىدىم،

باي بولدۇم.

قىسمەت يەردە قويسا داڭگال،

كۆكتە قويسا ئاي بولدۇم.

گاھىدا ئەر

گاھىدا ئايال بولدۇم.

دەرەخ بولسام، يوپۇرماقلىرىمنى شىلدىرلىتىش

ئۆزۈم شامال بولدۇم.

تۇرمۇش كىم بولۇشقا مەجبۇرلىسا

شۇ بولدۇم.

مەسخىرىلىك كۆزلەردىن يىقىلدىم

مەنسىتمەسلىك نەزەرلىرىدە يالىڭاچ قالدىم.

بۈگۈن

ھەسەتلىك ناگاھ يالقۇنلىرىدا ئۈتلەنگەن قانىتىمنى پەرلەپ تۇرۇپ شۇنداق دېمەكتىمەن:

مەن تېخى ئۆلمىدىم!

دوپپىغا پاتقان بېشىم جاھانغا پاتمىدى،

مۇساپىر بولدۇم.

يوچۇن كۆزلەردە كېچىلدىم.

يۆلەنگەن تېمىم ياتنىڭ تۇپرىقىغا ئۆرۈلدى

يىغلىغان ئاۋازىم يات يەرنىڭ ھاۋاسىغا بوزلىدى

ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى

قۇياشقا ئوخشايتتى ۋەتەن.

قىسىلغان چاغلاردا

پۇلغا ئوخشايتتى ۋەتەن.

ئاچ قالغان چاغلاردا

بىر تال كۆكباشقا

ياكى

بىر تۇتام ئوتياشقا ئوخشايتتى ۋەتەن.

ۋاپاسىز بولسىمۇ مەيلى

بولسىكەن دەپ قالغۇدەك يارغا ئوخشايتتى ۋەتەن.

ۋەتىنىنىڭ كوچىسىدا مەغرۇر كېتىۋاتقان ئىتنىڭ كەينىدىن سوكۇلدىغىنىمچە قاۋىدىم:

مەن تېخى ئۆلمىدىم!

تۆمۈردەك سوقۇلدۇم

ياغاچتەك كېسىلدىم.

مىختەك قېقىلدىم،

رەت-رەت

رەت-رەت

رەت-رەت

ئۆزۈمگە ئېسىلدىم.

ئۆلدۈم

تىرىلدىم.

ئۆلدۈم

تىرىلدىم.

پىشتىم

كۈچلەندىم.

جىمجىت كۆل ئىدىم،

دەريادەك ئاقىدىغان بولدۇم.

غېرىب يەر ئىدىم،

يەرگە

ئاسماندىن باقىدىغان بولدۇم.

بىراق

بۇ چاغدا

ساقلىقىم مەندىن تاندى.

ئەزالىرىمنىڭ

ئىشلەشتىن رايى ياندى.

ئۇلارنى ئارامىغا قويدۇم،

ئۇھ! . . .

يىقىلدىم

يىقىلدىم

يىقىلدىم.

شۇ چاغدا مېنى تۈگەشتى دەپ ئويلىدىڭلار

ياق،

مەن تۈگىمەيمەن

مەن ياشىمىغان تۈگەيدىغان ھاياتتا. . .

كېسەل كارىۋىتىدىن تىككىدە چۈشۈپ

خىجىللىق بىلەن سىلەرگە شۇنى دېيىشكە مەجبۇرمەن:

كەچۈرۈڭلار

كەچۈرۈڭلار

مەن تېخى ئۆلمىدىم!