«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى
2021.12.09

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم 6-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 8-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، مۇتلەق يوقۇرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.
خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. شۇنداقلا رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا تاموژناسىدىن كىرىشىنى چەكلىيەلەيدىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا 2020-يىلى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ئىدى. 2021-يىلى 8-دېكابىر كۈنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، 428 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ بىردەك قوللاپ بېلەت تاشلىشى، پەقەت بىرلا كىشىنىڭ قارشى تۇرۇپ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ماقۇللاندى. نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئىش ئۈستىلىگە سۇنۇلۇپ، پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئىمزاسى قويۇلغاندىن كېيىن، رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىكەن.
بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان، بايانات ئېلان قىلىش، ئاخىبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئېچىش ۋە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تىنىمسىز سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق «ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلىقى» ھەققىدە جار سېلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات جېڭىنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ئۇلار «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تېززراق ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر نارازىلىقىنى قوزغاشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، رەسمى قانۇنغا ئايلانغىنىدا، خىتاينىڭ جانىجان ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ئەجەللىك رەربە بولىدىكەن.
ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىنىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
8-دېكابىر كۈنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئەلفىدار خانىم ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە «ئۇيغۇر ھەركىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرمۇ-بىر كۆرۈشۈپ چىققانلىقى، ئۇلارنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشكە دەۋەت قىلغانلىقى، لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تەشكىللەپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى بۇ قانۇن لايىھەسىنى تېزراق ماقۇللاشقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم بىلەن گۈلزىرە ئاۋۇلقان خانىم، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەشكىللىگەن نامايىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۈگۈن تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن خانىم بىلەن گۈلزىرە خانىملار بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
تۇرسۇناي خانىم، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى سەۋەبىنى ئاڭلاتتى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان لاگېرلارغا قاماش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئامېرىكىدەك دېموكراتىيەنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇقەددەس بىلىدىغان دېموكراتىك دۆلەتنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئاۋاز چىقىرىشىنى، قانۇنىي يول ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تۇسۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلزىرە خانىم ئۆزىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر تىرىك شاھىت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەڭ قەھبىھ، ئەڭ ۋەھشىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ ھەرىكەت ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى باشلامچىلىق ئورنىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى!» دېدى.