كامبودژادىن قايتۇرۇلغان مەمەتئەلى روزىنىڭ 37 يېشىدا يەكەن تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى
2025.01.19
ئاشكارىلىنىشىچە، 2009-يىلى دېكابىردا كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن مەمەتئەلى روزى، ئىلگىرى قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ بىلىكىگە 3 پارچە تۆمۈر سېلىنغان بولۇپ، بۇ تۆمۈر پارچىلىرى ۋاقتىدا ئېلىۋېتىلمىگەچكە، بىلىكىدە سېسىش پەيدا بولغان ۋە بۇ سېسىش يۈرەككە قەدەر تەسىر قىلىپ، 2014-يىلى 37 يېشىدا تۈرمىدە جان ئۈزگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
2009-يىلى كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايشەمگۈل خانىم، ئۆتكەن يىلى رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا كامبودژادىن شۇ قېتىمدا قايتۇرۇلغانلاردىن 2 نەپىرىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى، بۇلاردىن بىرىنىڭ مەمەتئەلى روزى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغانىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەمەتئەلى روزى جازا ئۆتەۋاتقان قەشقەر ۋىلايەتلىك تۈرمە، يەنى يەكەن تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار بىر خادىم مەمەتئەلى روزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۈجمەل ۋە ئېنىقسىز جاۋاب بەردى، ئەمما خەۋەرنى كەسكىن ھالدا رەت قىلالمىدى.
خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتئەلى روزى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سېتىل يېزىسىدا تۇغۇلغان ۋە غۇلجا شەھىرىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇ غۇلجا، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىچكىرى شەھەرلىرىدە ئاشپەز-ناۋايلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇ، 2009-يىلىنىڭ بېشىدا گۇاڭجۇدا ناۋايلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ، بىلىكىگە 3 پارچە تۆمۈر سېلىنغان، دوختۇرنىڭ دىياگنوزىدا تۆمۈر پارچىسىنىڭ 10 ئاي ئىچىدە ئېلىۋېتىلىشى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمىغاندا ھاياتىغا خەتەر يېتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بىلىكىدە تۆمۈر بار ھالەتتە كامبودژاغا سەپەر قىلغان مەمەتئەلى روزى، خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەكەن تۈرمىسىدىكى مەزگىلىدە، بىلىكىدىكى 3 پارچە تۆمۈرنىڭ ئېلىۋېتىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى تۈرمە دائىرىلىرىگە 3 قېتىم مەلۇم قىلغان ۋە داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما دائىرىلەر، بۇ تەلەپكە پەرۋا قىلمىغان. بۇ ئەھۋال ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، تۈرمە باشقۇرۇش خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى.
تۈركىيەدىكى مۇھاجىر ئايشەمگۈل خانىمنىڭ دېيىشىچە، مەمەتئەلى روزىنىڭ ئايالى گۈلباھار سادىق، يولدىشىنىڭ بىلىكىدىكى تۆمۈرنى ئالغۇزۇۋېتىش ھەققىدە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا بېرىپ تەلەپ سۇنغان، ھەتتا ئىقتىسادىي چىقىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، ئۇ غۇلجىدىن قەشقەرگە 4 پەرزەنتىنى ئېلىپ، 3 قېتىم كېلىپمۇ يولدىشى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. دېيىلىشىچە، مەمەتئەلى روزىنىڭ ئايالى مۇراجىئەت سۇنغاندا، تۆمۈرنىڭ ئېلىنىدىغان ۋاقتى مۇددەتتىن 10 ئاي ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ مەمەتئەلى روزىنىڭ بىلىكىدىكى تۆمۈرنى كېچىكىپ بولسىمۇ ئېلىۋەتكەن ياكى ئېلىۋەتمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
ئايشەمگۈل خانىمنىڭ دېيىشىچە، مەمەتئەلى روزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېڭىسارنىڭ سېتىل يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئەنە شۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈلگەن. ئايالى گۈلباھار سادىقمۇ يولدىشىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يولدىشىنىڭ يېڭىساردىكى تۇغقانلىرىدىن ئۇققان. سېتىل يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى، مەمەتئەلى روزىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى ئەڭ دەسلەپ جەمئىيەتتىن ئۇققانلىقى، ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا خەۋەر تاپقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئامانلىق مۇدىرى مەمەتئەلى روزىنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى دەپ ئاڭلىغان؛ ئەمما بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ بىلەكتىكى ئېلىۋېتىلمىگەن ياكى كېچىكىپ ئېلىنغان 3 پارچە تۆمۈر بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇماتى بولمىغان.
بۇ مۇدىرنىڭ بايانلىرىدىن دەلىللىنىشىچە، مەمەتئەلى روزى يەكەن تۈرمىسىدە 2014-يىلىنىڭ ماي ئېيىدا 37 يېشىدا جان ئۈزگەن.