خوتەن ۋە قەشقەردە كۆپ ساندىكى مەسچىت مۇنارلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەن ۋە قەشقەرلەردە ئۆتكەن يىلى يۇقىرىدىن كەلگەن بىر ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن مەسچىتلەرنىڭ مۇنارلىرى بىلەن ھىلال ئايلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، يېقىنقى 2-3 ئاي ئىچىدە ئاساسەن دېگۈدەك چېقىۋېتىلگەن. خوتەندىكى بىر كەنت سېكرېتارى ئۆزىنىڭ چوڭبازار ئالدىدىكى بوستان مەسچىتىنىڭ مۇنارىسىنى چېقىشقا قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. قەشقەردىكى بىر كەنت ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرىمۇ ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەسچىت مۇنارىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى پائالىيەتچىلەردىن ئاسىيە ئۇيغۇرنىڭ فېيسبۇك بېتىدە ئۇيغۇر رايوندىكى مەلۇم بىر مەسچىتنىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى ۋە نۆۋەتتىكى سۈرىتى سېلىشتۇرۇلۇپ ئېلان قىلىندى. سۈرەتتىن مەزكۇر مەسچىتنىڭ مۇنارىنىڭ بىر يىل ئاۋۋال بارلىقى، نۆۋەتتە بولسا كېسىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى، يەنى مۇنارنىڭ پەقەت كۆتىكى قالغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئامېرىكادىكى پائالىيەتچىلەردىن يەنە بەھرام سىنتاشنىڭ مەخسۇس مەسچىتلەر ھەققىدىكى سۈرەتلەر توپلىمىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور بىر تۈركۈم مەسچىتلەرنىڭ مۇنارىلىرىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خوتەن ۋە قەشقەردىكى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى مەسچىتلەر مۇنارلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت سېكرېتارى خوتەندىكى مەسچىتلەردە مۇنار ۋە ھىلال ئاينىڭ ئاساسەن دېگۈدەك چېقىلىپ ياكى كېسىلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر مەسچىت مۇنارلىرى بىلەن ھىلال ئاينى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ بېكىتكەن. قەشقەردىكى بىر كەنت ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرىمۇ ئۆز تەۋەلىكىدە مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ ئازايتىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە قېپقالغان مەسچىت مۇنارلىرىنىڭ يىقىتىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

خوتەندىكى مەزكۇر كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەن چوڭ بازار ئەتراپىدىكى بوستان مەسچىتنىڭ مۇنارىمۇ چېقىۋېتىلگەن. بۇ مەسچىت مۇنارنىڭ چېقىلىشىغا ئۇ ئۆزى ئىشتىراك قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇلتۇر يىل بېشىدا ئۆي-ئىمارەتلەردىكى دىنىي تۈسى قويۇق بولغان بارلىق شەكىل ۋە نەقىشلەرنى يوقىتىۋېتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. بۇ ئۇقتۇرۇش 2-3 ئاي ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىپ بولغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 2016‏-يىلنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى «مەسچىتلەرنى ساغلاملاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا خوتەن ۋە قەشقەرلەردە ئاز دېگەندە 5 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. 2018‏-يىلىغا كەلگەندە شۇ ئامان قالغان چەكلىك ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ مۇنارلىرى چېقىۋېتىلگەن. بەزى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇيغۇر رايوندا مەسچىت مۇنارلىرىنى ئۆرۈش ياكى كېسىۋېتىش ئىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرقانچە يىل ئاۋۋال ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئەمما ھازىرقىدەك ئومۇملاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.