خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

0:00 / 0:00

24- نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ چەكتىن ئاشقان يۇقۇم قامالى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى، قاتتىق قامال كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈنئىي توسقۇنلۇقلار تۈپەيلى بىناغا تۇتاشقان ئوت يالقۇنىنىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلمەي، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىققانلىقى، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق كەيپىياتىنى قوزغىغان ئىدى. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە نامايىشىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، بۇ پاجىئەنىڭ جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۈۋرۈك رايونى «جىشاڭيۈەن» ئائىلىلىكلەر قوراسىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە ئادەمنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «ۋەقەدە 10 كىشىنى ئۆلدى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رادىيومىزنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە قاتتىق قامال يۈرگۈزۈلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى 4 ئايدىن بېرى ئۆيىدىن چىقالمايۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن.

ئوت ئاپىتىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانىغا ئايلانغان كىشىلەر ئوت كۆيۈۋاتقان خەتەرلىك پەيتتە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق سىرتتىكىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغان، ھەتتا دات-پەريات كۆتۈرۈپ قۇتقۇزۇشنى ئۆتۈنگەن. ئوت ئاپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان ئەتراپتىكى ئامما تارقاتقان ۋىدىيولارغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنىڭ شۇنچە ئېغىر بەدەللەر بىلەن ئۆچۈرۈلۈشىگە دائىرىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

گەرچە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى رادىيومىز تەرىپىدىن تېخى رەسمىي دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوت ئاپىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرى تارقاتقان ۋىدىيولاردىكى ئۇچۇرلار بۇ پاجىئەنىڭ يەنە بىر يۈزىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. يەنى ئۆلۈم - يىتىم ئەھۋالىنىڭ بۇنچە ئېغىر بولۇشىغا ئوت كەتكەن بىنادىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىقالماسلىقى، بىنانىڭ جىددىي پەيتتە قېچىش ئىشىكلىرى بىلەن پەلەمپەيلىرىنىڭ ئىتىۋېتىلگەنلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش تۇرۇببىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىپ سۇ ئاقماسلىقى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ۋاقتىدا كەلمەسلىكى، كېچىكىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا بىنا ئالدىدىكى توساقلاردىن ۋاقتىدا ئۆتەلمەي ۋە ئوت كەتكەن نۇقتىغا يېقىنلىشالماي، ئوتنى ۋاقتىدا ھەم ئۈنۈملۈك ئۆچۈرەلمىگەنلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار سەۋەب بولغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسنىڭ ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى توساق تۈپەيلى قوروغا كىرەلمىگەنلىكى، بولقا بىلەن توساقلارنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىغى كۆرۈنمەكتە.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسنىڭ ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى توساق تۈپەيلى قوروغا كىرەلمىگەنلىكى، بولقا بىلەن توساقلارنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىغى كۆرۈنمەكتە. (RFA screenshot from Social Media video)

نەق مەيداندىن تارتىلغان ۋىدىيو ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى سائەتلەرچە كۈتكەنلىكى، دەسلەپتە ئىس-تۈتەك ئېلىپ كېـتىشنىڭ تەدبىرلىرىنى ئۆزلىرى قىلىپ باققان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا ئوت بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ تەدبىرلەرمۇ كارغا كەلمىگەن.

شۇنداق ۋىدېيولارنىڭ بىرىدە، بۇ بىنادىكى ئوت ئاپىتىدە ئىككى بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان بىر ئايال، ئوت كەتكەن ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ كارىدورغا چىققانلىقى، ئەمما شۇ قەۋەتتىكى جىددىي قېچىش ئىشىكلىرى ۋە پەلەمپەيلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى؛ ئوت ئۆچۈرۈش تۇرۇبىلىرىدىن سۇ ئاقمىغانلىقى؛ 21- قەۋەتكە قېچىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما بىنا ئۈستىگە چىقىش ئىشىكىنىڭمۇ تاقىۋېتىلگەنلىكى؛ ئوت بارغانسېرى كۈچيىپ ھەممە يەرنى زەھەرلىك ئىس - تۈتەك قاپلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ ئايال يوقۇرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكى، ئاخىرىدا ئىككى بالىسىنى يوقاتقانلىقىنى چەكسىز ئازاب ئىلكىدە ئېيتقان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا، مەزكۇر بىنانىڭ ئوتتىن ساقلىنىش كارىدورلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ سىم بىلەن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا، مەزكۇر بىنانىڭ ئوتتىن ساقلىنىش كارىدورلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ سىم بىلەن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان. (RFA screenshot from Social Media video)

يۇقىرىقى ۋىدىيولاردا ۋە كېيىنرەك تارقىتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ۋىدىيولىرىدا، بۇ قكېتىملىق ئوت ئاپىتىگە ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان يۇقۇمنى تېزگىنلەش قامال تەدبىرلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق شەرھىلەنگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ بولۇپ ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئادەم قۇتقازغانلىقىنى، بۇ مەھەللىنىڭ «تۆۋەن خەتەرلىك يۇقۇم رايونى»دىكى مەھەللە بولغاچقا، ئادەملەرنىڭ پەسكە قېچىپ چۈشەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باياناتىدا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى، يەنى يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغانلىقى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار ھەتتا شۇ بىنانىڭ 14-قەۋەتىدىن باشلانغان ئوت يالقۇنىنىڭ نېمە ئۈچۈن دەرھال ئالدى ئېلىنماي تاكى 19-قەۋەتكىچە تۇتۇشۇپ كۆيگەنلىكى، بىناغا سولىنىپ قالغان ئاھالىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن سىرتقا قېچىپ چىقالمىغانلىقى، بىنانىنىڭ جىددىي ئەھۋالدا قېچىپ چىقىش ئىشىكلىرى بىلەن پەلەمپەيلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىدەك نېگىزلىك سوئاللارنىڭ جاۋاب بەرمىگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 25-نويابىر، ئۈرۈمچى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 25-نويابىر، ئۈرۈمچى. (ts.cn)

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ باياناتلارغا خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر خىل يوسۇندىكى ئەيىبلەشلىرى تورلارنى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، بىر قىسىم خىتاي ئاھالىلىرىمۇ سىنلىق گۇۋاھلىقلىرىدا مەزكۇر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ قاتتىق قامال قىلىنغان رايون ئىكەنلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ بىنا ئالدىدىكى توسۇقلاردىن ۋاقتىدا ئۆتەلمىگەنلىكى، بىناغا قاپسىلىپ قالغان ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىن سىرتىغا قېچىپ چىقالماي قاراپ تۇرۇپ جان بەرگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشقان.

ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق قاتتىق كۈچەيمەكتىكەن. 4 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۆيلىرىگە قامىلىپ، ئىقتىسادىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خورىغان خەلق ئاممىسىنىڭ دائىرىلەرگە بولغان نارازىلىقى چېكىگە يەتكەن. ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنى ئاساس قىلغان شەھەر خەلقىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.