يازغۇچى ۋە شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ 82 يېشىدا تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى دەلىللەندى
2021.01.15
ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق خىتاينىڭ تۈرمە ۋە نەزەربەتنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇندىمۇ ھەقنى سۆزلەش ۋە يېزىشتىن قىلچىمۇ يانمىغان، ئۇيغۇر خەلقىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «مىرزا ئابابەكرى»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان» قاتارلىق ئالتۇندىن قىممەت تارىخىي ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن پىشقەقەدەم شائىر، ئەدىب، تارىخچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ 82 يېشىدا خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى.
ئەدىب، شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ قەشقەردە تۈرمىدە جان ئۆزگەنلىكى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، بىز قەشقەردىكى ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇ تېمىدا گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتتى.
خەۋەر ئارخىپلىرىمىزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىگىرمە ياش ۋاقتىسدا تۈرمىگە تاشلانغان، تۈرمىدىن چىقىپ يەنە ئۇزۇن مەزگىل نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان، ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يېشى 80 يېقىنلاشقان يىللاردىمۇ، ھەقنى سۆزلەش ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن يانمىغان ئىدى. ئۇ 2017-يىلى يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنى رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «سۇلتان سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان»، «مىرزا ئابابەكرى» قاتارلىق 7 توملۇق 5 تارىخىي رومانىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆي ئاختۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ مەزكۇر كىتابلاردىكى دىنىي مەزمۇنلاردىن بىئارام بولغان، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى شۇ كۈنى خىتاي ساقچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىمۇ گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە 13 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ساقچىلارنى گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلغان. ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ شۇ 5 رومانىدىن باشقا، تېخى ئېلان قىلىنمىغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭمۇ قول يازمىلىرىنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە قەشقەردىكى ئالاقىدار بىر سىياسىي-قانۇن كادىرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ۋە ۋەزىپىدىكى بولۇپ 30 پىرسەنت ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان ۋاقتىدا، ئەڭ باشتا تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلەر ئارىسىدا ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ 11 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئالاقىدار خادىم ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ تۇتۇلۇشىغا يازغان كىتابلىرىدىن باشقا، ئۆزىگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى سەۋەبلىكمۇ سوراققا دۇچ كەلگەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئەينى چاغدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا، ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ئوقۇرمەنلەر سەۋەبلىمۇ سوراقققا تارتىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بۇ يىل9-يانۋار كۈنى قەشقەردە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە جان ئۈزگەن. ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، مەرھۇمنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا تۈرمىدىن دوختۇرخانىغا ئەكېلىنگەن ۋە دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
بۇ پروگرامىمىزنى مەرھۇمغا ئاتاپ يېزىلغان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان، ئاپتورى نامەلۇم بىر مەرسىيە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز:
ياق، سەن تېخى ياشاپ بولمىدىڭ
(مەرھۇم مىرزاھىد كېرىمى ئۇستازغا)
داۋامى بار قىلغان ئىشىڭنىڭ،
ئاخىرى بار كۆرگەن چۈشۈڭنىڭ.
باھارى بار ئۆتكەن قىشىڭنىڭ،
ياق، سەن تېخى ياشاپ بولمىدىڭ!
گەپلىرىڭ بار قىلىپ بولمىغان،
ئىشلىرىڭ بار بىلىپ بولمىغان.
بىر گۈلخانسەن يېنىپ بولمىغان،
ياق، سەن تېخى ياشاپ بولمىدىڭ!
تېخى تالاي ئارمانلىرىڭ بار،
تېخى تالاي ئارزۇلىرىڭ بار.
گەرچە، داغدا قالغانلىرىڭ بار،
ياق، سەن تېخى ياشاپ بولمىدىڭ.
سۈرۈۋاتقان خىياللىرىڭ بار،
تۈزۈۋاتقان پىلانلىرىڭ بار.
«ئىزىڭدا كۆپ قىرانلىرىڭ بار،»
ياق، سەن تېخى ياشاپ بولمىدىڭ!
ئۆمۈر دېگەن پۇشايمانغا باي،
«ئارمانىڭدۇر يۇلتۇز بىلەن ئاي.
كۆك ئاسماندۇر ئاي كۆرۈنەر جاي،»
ياق، سەن تېخى ياشاپ بولمىدىڭ!
2021-يىل 9-يانۋار