قىزىل يۇقۇمىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدىكى ناھىيەلەرگە تارقالغانلىقى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
2016.01.12

قىزىل يۇقۇمى ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق دۇنيادا ئاللىقاچان كونترول قىلىنغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، قىزىل يۇقۇمىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم رايونلارغا تارقالغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
رادىئومىز يېڭى يىل ھارپىسىدا قىزىل يۇقۇمىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى غۇلجا قاتارلىق جايلاردا تارقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.
بۈگۈن بىز قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بەزى ناھىيەلىرىدىكى شىپاخانىلار ۋە تېببىي خادىملاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قىزىل يۇقۇمىنىڭ نۆۋەتتە قەشقەر تەۋەسىگە جىددىي تارقىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.
بۈگۈن پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر شىپاخانىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئايال خادىمى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسى ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى سەھىيە تارماقلىرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرىدىن قىزىل يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا نۆۋەتتە پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى سەھىيە تارماقلىرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرى قاتتىق جىددىيچىلىك ئىچىدە ئىشلىمەكتىكەن. قىزىل يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارمۇ كۈچەيمەكتىكەن.
مەزكۇر ئايال خادىم ھازىرغىچە پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە 100 گە يېقىن قىزىل يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
بىز ئارقىدىن، پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى يەنە بىر شىپاخانىغا تېلېفون قىلدۇق. شىپاخانىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى تېخى ئالدىنقى كۈنىلا قىزىل يۇقۇمى ھەققىدە ناھىيەدە ئېچىلغان جىددىي سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيزىۋات ناھىيەسىدە ھازىرغىچە قىزىل يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار 40 تىن ئاچقان. ئۇ «ئالدىنقى كۈنى ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىدە ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 96 كىشىنىڭ قىزىل يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى،» دېدى.
مەزكۇر دوختۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر پەيزىۋات ناھىيەسىدە قىزىل يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنى داۋالىغان ياكى قىزىل يۇقۇمىنىڭ ۋىرۇسى بايقالغانلىكى شىپاخانىلار بىردەك تاقالغان. ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ناھىيە تەۋەسىدىكى كۆپلىگەن شەخسىي شىپاخانىلارنى ۋاقىتلىق پېچەتلىگەن.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە گەرچە 8 ئايلىق بولغان بارلىق بوۋاقلارغا قىزىل ۋاكسىنىسى بىردەك ئەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋاكسىنا ئەملەنگەن بەزى بالىلاردا ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەردىمۇ قىزىل يۇقۇمىنىڭ قايتا كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز قىزىل يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا جىددىي تارقىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تېببىي پەنلەر دوكتورى جۈرئەت ئوبۇلنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ ئالدى بىلەن قىزىل يۇقۇمى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا قىسقىچە ئىزاھات بەردى. ئاندىن ئۇ قىزىل يۇقۇمىنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا تارقالغانلىقى ۋە ھازىرغا قەدەر كونترول قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيادا ئاللىقاچان كونترول قىلىنغان قىزىل كېسىلىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا يامرىشىنىڭ ئاز دېگەندە مۇنداق بىرقانچە سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىنكەن. بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدا قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئىشى تەلتۆكۈس ئىشقا ئاشمىغان ۋە سىستېمىلاشمىغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن بىر قىسىم بالىلاردا ئالدى بىلەن قىزىل يۇقۇمى كۆرۈلۈپ ئاندىن ئەتراپقا تېز سۈرئەتتە تارقالغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن بالىلاردىمۇ قىزىل يۇقۇمىنىڭ قايتا كۆرۈلگەنلىكى ۋاكسىنىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ياكى دورىنىڭ ساختىلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدا قىزىل ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى غەرب ئەللىرىدىكىدەك مۇكەممەل سىستېمىغا چۈشمىگەن، ھەتتا ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن يېتىشسىزلىكلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.