«ئۈچىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نىڭ مەقسىتىگە سوئال قويۇلماقتا
2018.05.14

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ ھەپتە 3-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى ھەقسىز تەكشۈرۈشتىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە ئىرسىي كېسەللەرنى خاسلاشتۇرۇپ، تۈرلەر بويىچە يۆتكەپ ھەقسىز داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە بۇنى «كومپارتىيەنىڭ رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقى» دەپ مەدھىيەلىگەن. ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر نىشان قىلىنغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2016-يىلى 9-ئايدا باشلىغان «ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ئارخىپلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىدە رايوندىكى 18 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۈستىدىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ، سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزغان ئىدى. بۇ ھەرىكەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى مەجبۇرىي يىغىش ھەرىكىتى، شەخسلەرنىڭ كىشىلىك مەخپىيەتلىكىگە خىلاپ ھالدىكى مەقسىتى ئېنىق بولمىغان قانۇنسىز قىلمىش» دەپ ئەيىبلىنىپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بۇ قىلمىشنىڭ توختىتىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى يەنە 3-قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جىددىي دىققىتى ۋە ئەندىشىلىك گۇمانىنى قوزغىدى.
مەزكۇر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر 2016-يىلى 9-ئايدا باشلىغان ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» دە 1700 دىن ئارتۇق سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلغان. 42 مىڭ تېببىي خادىم ئاجرىتىپ، رايوندىكى 18 مىليون 844 مىڭ 800 نەپەر كىشى ئۈستىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇشنى تاماملاپ بولغان.
نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قەدەر زور مەبلەغ سېلىپ، «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بېرىشى ھەرگىزمۇ خەۋەردە دېيىلگەندەك ئاددىي ھالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسىلىسى ئەمەس ئىكەن.
مەمەت ئىمىن ئەپەندى بايانىدا خەلقئارادا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى خالىغانچە توپلاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇشى قانۇنسىز ھەرىكەت» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ يەنە 3-قېتىملىق ھەقسىز «ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى ئېلىپ بېرىشى گۇمانلىق ۋە ئەندىشە قىلارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ قېتىمقى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ھەققىدە ھازىرقى شارائىتتا ئېنىق بىر يەكۈن چىقىرىشنىڭ تەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە يەنە 3-قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ يىل ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈش ئاساسىدا خاسلاشتۇرۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرى قوشۇلدى. سالامەتلىك تەكشۈرۈلىدىغانلارغا كېسەل تارىخىنى سوراپ دىئاگنوز قويۇش، ئاڭلاپ دىئاگنوز قويۇش، ئۇلارنى تەكشۈرۈپ، ئائىلە كېسەللىك تارىخى، ئىرسىيەت تارىخى، كېسەللىك زىيىنى ئامىلى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ۋە بەدىنىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاشمايدىغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن خاسلاشتۇرۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ،» دېيىلگەن.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، 2014-يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا مۇستەقىل تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۇمارىس ئالماس خانىم ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە دائىرىلەرنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا توپلىغان دوختۇرلۇق تەجرىبىسىگە ئاساسەن دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم يەنە 3-قېتىملىق ‹ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى› نى ئېلىپ بېرىشىدا ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بەزى تەجرىبىلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.