جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككىلا پارتىيەسىدىن بولغان 19 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دىسنېي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، «مۇلەن» فىلىمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سوئاللارنى سورىغان.
دىسنېي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بوب چاپېكقا يوللانغان مەزكۇر مەكتۇپتا دىسنېي شىركىتىدىن «مۇلەن» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ج خ ۋە تەشۋىقات ساھەسى بىلەن نېمە ئۈچۈن ھەمكارلاشقانلىقىدىن ئىبارەت 10 تۈرلۈك سوئال سورالغان.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «دىسنېينىڭ ئۇ يەردە سادىر بولغان جىنايەتلەردە ياكى ئۇ جىنايەتلەرنى يوشۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئوچۇق ئاشكارا ھەمكارلىشىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ پاراكەندە قىلىدۇ.»
ئۇلار مەكتۇبىدا دىسنېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2019-يىلى ئۆكتەبىر قارا تىزىملىككە ئالغان تۇرپان شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسا، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىر قانىتى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك، ئومۇمىيۈزلۈك مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغۇت چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى رەت قىلىش، بۇرمىلاش ياكى يوشۇرۇش» قىلمىشلىرىدا بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
مەكتۇپتا يەنە «مۇلەن» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلانغانلىقنى، 2018-يىلى ئىيۇلغىچە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە ۋە خوڭكوڭدىكى نوپۇزلۇق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ لاگېرلىرىغا تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى، «مۇلەن» فىلىمىنى يەرلىك ج خ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سۈرەتكە ئېلىشنىڭ «نۇرغۇن كىشىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ سۈرتلەۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ھىلىسى بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەكتۇپقا، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، روبېرت مەنەدەز، توم كوتتون، ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىدىن جەيمس مكگوۋېرن، كىرستوفېر سىمىت، توم مالىنوۋسكى قاتارلىق 19 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئىمزا قويغان.
دىسنېينىڭ «مۇلەن» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدە 8 ئورۇندا جازا لاگېرى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.