دىڭ شۆشۇاڭنىڭ گوللاندىيە زىيارىتى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى
2025.01.23
23-يانۋار كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت جامائىتى، خىتاي دېموكراتلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يەرلىك گوللاندىيەلىكلەرنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن گوللاندىيەنىڭ سىياسىي پايتەختى دەنھاختىكى باش مىنىستىر سارىيى ئالدىدا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دىڭ شۆشۇاڭنىڭ گوللاندىيە زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
گوللاندىيە خان جەمەتى تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە پادىشاھى ۋىللىيام ئالېكساندېر 22-يانۋار كەچتە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. خەۋەردە يەنە، 23-يانۋار پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيە باش مىنىستىرى شۆفنىڭ، دىڭ شۆشۇاڭغا كەچلىك زىياپەت بېرىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېئو-سىياسىي ۋەزىيەت، كىلىمات، سودا ۋە سەھىيە قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ھەمكارلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ خەۋەرلەر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن گوللاندىيە باش مىنىستىر سارىيىنىڭ ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
گوللاندىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى نەق مەيداندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇ نامايىشقا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىلى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى ۋە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان بولۇپ، نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭنىڭ گوللاندىيە زىيارىتىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي بىلەن گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى ئۇدا تۆت يىل 100 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ ماڭغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر ۋاقىتتىمۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. دىڭ شۆشۇاڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە يەنە گوللاندىيە يۇقىرى قاتلام سىياسەتچىلىرىگە «ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى؛ تېخىمۇ كۆپ گوللاندىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا كېلىپ سودا ۋە ساياھەت قىلىشىنى؛ ياشلار، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» نى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەھۋال گوللاندىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
بۈگۈنكى بۇ بىرلەشمە نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن گوللاندىيەدىكى تىبەت تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلىمۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن بۇ يەردە تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە فالۈنگۇڭچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشۇاڭنىڭ گوللاندىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەتنى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا كۆزىتىش ئورۇنلىرىغا ئېچىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. يېقىندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە كۆپلىگەن تىبەتلىكلەر زەربىگە ئۇچرىدى، خەلق ياردەمگە ئېرىشەلمەي ئازاب چەكمەكتە. خەلقئارالىق ياردەم قۇرۇلۇشلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى توسالغۇسىز ھالدا بۇ رايونغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇم ھەم ئاچچىق قىسمەتلىرىگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك!»
بۇ نامايىش بۈگۈن، يەنى 23-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە باشلىنىپ، گوللاندىيەنىڭ يامغۇر ۋە شىۋىرغانلىق ھاۋاسىغا قارىماي كەچ سائەت ئالتىگىچە داۋام قىلغان. خىتاي مىنىستىرى دىڭ شۆشۇاڭ كەچلىك زىياپەت بېرىلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سارىيىغا كىرىش ۋە چىقىشتا نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بايراقلىرى، شۇنداقلا خىتايغا قارشى توۋلانغان جاراڭلىق شوئارلار بىلەن قارشىلاشقان.