4-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاپرېل ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەلقئارالىق بىرلەشمە زور نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى بىر ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلىپ، ئاخىرقى باسقۇچنى تاماملىغان.
د ئۇ ق نىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بۇ بىرلەشمە نامايىشقا شىمالىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت 4 قىتئەدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، بىر ئايدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇنىڭ تەشۋىقاتلىرى كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى.
«ۋاشىنگتوندىكى نامايىش تەييارلىق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ نامايىش ئامېرىكا تارىخىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامايىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.
«ۋاشىنگتوندىكى نامايىش تەييارلىق گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.
«ۋاشىنگتوندىكى نامايىش تەييارلىق گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى، د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىرىدىن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغىچە ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئىزچىل تىلغا ئېلىپ تۇرۇۋاتقان ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىپلەۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى، «ۋاشىنگتوندىكى نامايىش تەييارلىق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئەتراپلىق ئىشلەنگەن بولۇپ، تۆت قىتئەدىكى كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار بۇ نامايىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ چاقىرىقلار ئېلان قىلغان ھەمدە ياردەملەردە بولغان.
بۈگۈن 3-ئاپرېل كۈنى «د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسى» يەنە مەخسۇس پروگرامما تارقىتىپ، 6-ئاپرېل ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئاخىرقى چاقىرىقىنى ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش د ئۇ ق تەشكىللىگەن 2018-يىلى 27-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» ھەمدە 2018-يىلى 6-نويابىر جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق زور نامايىشتىن كېيىنكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى 3-قېتىملىق كۆلىمى زور نامايىش بولۇپ سانىلىدىكەن.
0:00 / 0:00