ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ ئۇيغۇر رايوندىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى دېگەن نام بىلەن نامەلۇم دورىلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقى، بەزى جايلاردا ۋاكسىنىمۇ ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامەلۇم دورىلارنى يەۋاتقانلىقى، بۇ دورىلارنىڭ نامى، رولى ۋە نىمىدىن ياسالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. يەنە بەزىلەر، خادىملاردىن بۇ دورىلارنىڭ نېمە دورا ئىكەنلىكى ھەققىدە سوئال سوراشقا پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە ھەر خىل دورىلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇ دورىلارنىڭ دوختۇر-سېستىرالار تەرىپىدىن ئەمەس، ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئىشلەۋاتقان مەمۇرىي خادىملار تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. ئىنكاستا يەنە خادىملارنىڭ بۇ دورىلارنى كۈنىگە قانچىلىك يېيىشتىن باشقا چۈشەندۈرۈش بەرمەيۋاتقانلىقى، يەنە بەزى جايلاردا خادىملارنىڭ ئاھالىلەرنى دورىلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئىچىشكە زورلاۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يېزىسىدىكى بىر ئاھالە، ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە كۈن ئاۋۋال سۇيۇق بىر دورىنى ئىچكەنلىكى، ئەمدىلىكتە بولسا ئاق بىر تابلىت دورىنى يەۋاتقانلىقىنى، ئەمما دورىنىڭ نامىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پەيزىۋاتتىكى ئاھالىلەردىن بىرى باغچىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارغىمۇ ۋە ئۆزلىرىگىمۇ نامەلۇم دورىلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئۆزى يەۋاتقان دورىنىڭ دۈگىلەك ۋە توپارەڭ بىر دورا ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ نېمىگە پايدا قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بەزى ئاھالىلەرگە ۋاكسىنا ئۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇرۇلۇشتىن بۇرۇن مەلۇم بىر قەغەزگە ئىمزا قويغىزىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم خۇسۇسىي دوختۇرخانا خادىمى، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دائىرىدە ۋاكسىنا ئۇرۇلغىنىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ ئاھالىلەر كومىتېتى تارقاتقان بىر جۇڭيى دورىسىنى بىر ئايدىن بېرى ئىچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى بازىرىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى، ۋىرۇس مەزگىلىدە ئۆزى يەۋاتقان دورىنىڭ داۋالاش رولى ۋە يان تەسىرلىرىنى سورىغىنىمىزدا، بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە بۇ ھەقتە سوئال سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭمتور بېتىدە ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلىرى ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلىنغان. رابىيە قادىر خانىم نامىدىكى بۇ ئىنگلىزچە باياناتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىتىۋاتقان دورىلىرى ۋە كارانتىن قۇرۇلۇشلىرىغا قارىتا گۇمان ۋە ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رابىيە خانىم باياناتىدا،» 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىۋالغان ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا توغرا نىيەتلىك بىر ئىجرائاتنى كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ؛ خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارغا بېرىلىۋاتقان دورا ۋە رايوندا قۇرۇلغان كارانتىن قۇرۇلۇشلىرى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان.
0:00 / 0:00