نەفىسە: بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنى بولسىمۇ ئامان قالسۇن

0:00 / 0:00

25-مارت كۈنى، نەفىسە ئۇيغۇر ئاتلىق بىر قىز فەيسىبوك ھېسابىدا، ئۆزىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغانلىقى ۋە يۇقۇملىنىش جەريانى ھەمدە كېسەل بىلەن ئېلىشىش جەريانلىرىنى يېزىپ ئورتاقلاشقان.

گەرچە خىتايدىن تارالغان بۇ ۋابا دۇنيا مىقياسىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن جانغا زامىن بولۇۋاتقان بىر پەيتتە تېخى ئۇيغۇرلاردىنمۇ يۇقۇملانغانلار بارلىقى كۆپ مەلۇم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا نەفىسەنىڭ فەيسىبوكقا ئۆزىنىڭ 8-مارت بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىدە يۆتۈلۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەچكە ئىككى ھەپتىگىچە ئۆزىدىن گۇمانلانمىغانلىقى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ ۋىرۇسنى باشقىلارغىمۇ يۇقتۇرۇپ قويغانلىقىدەك، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى. ئۇ ئاخىرىدا يەنە ئۇنىڭ باشقىلارنى يۇقۇمغا سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور دىققەت قوزغىدى.

نەفىسەنىڭ ھېكايىسى بەزى ئۇيغۇرلارنى رېئاللىق بىلەن يۈزلەندۈرگەن بولسا، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار نەفىسەنىڭ ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى يېزىشقان ۋە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

ئۆزىنىڭ كېسەللىك تەجرىبىلىرى ئارقىلىق بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قالغانلىقى، شۇڭا بارلىق ئۇيقۇلارنى مۇداپىئەلىنىشكە سەل قارىماسلىققا دەۋەت قىلغان نەفىسەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ، دىئاگنوز قويۇلۇپ تا ساقىيىشىغىچە بولغان ئەھۋالىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە لوندوندىكى نەفىسە بىلەن ئالاقىلەشتۇق:

ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ جىسمىغا ئەكەلگەن زەخمەتلىرىدىن تېخى سەللىمازا ساقىيىپ كېتەلمىگەن نەفىسە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب خەت بىلەن جاۋاب قايتۇردى. نەفىسە ئۆزىنىڭ يولۇققان كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تەجرىبىلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار، مېنىڭ ئىسمىم نەفىسە، لوندوندا ياشايمەن، بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم، ئۈچ بالام بار، كىچىكى ئەمدىلا بىر ياشتا، چوڭ ئىككىسى قوشكېزەك، ئۇلار بەش ياشقا كىردى.

مەن 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەنى ئاياللار بايرىمى كۈنى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن شۇ ۋىرۇس يۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ سىرتقا چىقمىغان ئىدىم. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، پۈتۈن بەدىنىم، بېشىم قاتتىق ئاقىرىشقا باشلىدى ھەم ئازراق قىزىتما بىلەن شۇنداق تىترەپ ئورنۇمدىن قوپۇپتىمەن. خۇددى بىزدە ‹قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ قېلىپتۇ› دەيدىغان گەپ بولغىنىدەك ھالەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلاپ ساقسىز بولۇپ قالدىم. ھەم ئۆزۈمنى ئىسسىق تۇتۇپ، پەسىل ئالماشقاندۇ دەپ جىق ئەنسىرەپ كەتمىدىم. ئەمما بۇ ئاغرىق كۈندىن-كۈنگە ئەدەپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنىم چىدىغۇسىز ھالەتتە ئاقىرىشقا باشلىدى يەنى بىر خىل تېرىسىنى سويغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىيتتى. بۇ ئاغرىق ئازابىنى قانداق تەسۋىرلىسەم بولار؟

مەن تۇغۇپ باققان ئايال، ھەتتا تۇغۇتتىكى تولغاق ۋە تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىقمۇ بۇنچە ئازابلىق بىلىنمىگەن، دەسلەپ ئۆزۈمنى ئىسسىقتىن كېزىك بولغان ئوخشايمەن دەپ بەك سوغۇقلۇق قىلدىم، كۈندە سەھەردە لىمون سۈيىنى بولدى دېگۈچە سىقىپ قايناقسۇ ئىچتىم ناشتىغا، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ سۈيىنى سىقىپ كۈندە ئىچتىم. يۇمغاقسۈت، يالپۇز، تاۋۇز دېگەندەكلەرنى، يەنى نېمە سوغۇقلۇق بولسا شۇ نەرسىلەرنى بەك يېدىم، ئۈچ كۈنلەردە ياخشى بولغاندەك قىلدىم، ئەمما بىر قورۇغان تاماق يېگىنىمنى بىلىمەن ئەتىسىدىن باشلاپ دەس تۇرالمىدىم، ئاغرىق قايتىدىن قوزغىلىپ يېتىپلا قالدىم.

بۇنىڭ بىلەن مېنى راستلا ئىسسىق تۇتۇپ كەتكەن چېغى دەپ سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم، چاتاق يېرى دەل شۇ ئەسنادا ئېرىممۇ تەڭلا ئاقىرىپ كەتتى.

ئالامىتى مەن بىلەن ئوخشاش. ، بىرلا پەرقى مەن تەرلىمەيتتىم، ئېرىم ئادەتتىن تاشقىرى تەرلەپ قوپمايلا ياتاتتى، ئەمما ھەر ئىككىمىزدىكى بۇ ئاغرىققا چىدىغىلى بولمايتتى، كۈندە ھەر تۆت سائەتتە بىر پاراسېتامول يەنى ئاغرىق توختىتىش دورىسى يەپ يۈردۇق، دورا ئىككى ئۈچ سائەتلەرگىچىلا پەرق قىلاتتى. ئاغرىق ئازابىدا بەزىدە ‹مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ، باللىرىم قانداق قىلار، ئۆلۈكۈم مۇشۇ يەردە قالارمۇ؟› دېگەندەك قورقۇنچلۇق خىياللارنىمۇ قىلى ئۈلگۈردۈم. ۋەتەندىكى ئاتا-ئانامنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ئويلاپ تېخىمۇ يىغا باساتتى.

‹ئالاقىلەشمىگىلى ئۈچ يىل بولاي دېگەن ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم ئۆلگىنىمنىمۇ بىلمەي قالارمۇ؟›دەپ يۈرىكىمدىن يىغلاۋاتقاندەك ئەمما ياش چىققۇدەك، ئاۋاز چىقارغۇدەك بىر كۈچ يوق ياتىمەن.

بالىلارغا يۇقۇملانغان كۈنۈم ئەكىرىۋالغان تەييار تاماقلارنى بېرىپ، ئەر-ئايال ئىككىمىز شۇ مېۋە-چېۋە يەپ 10 كۈننى ئۆتكۈزۈپتىمىز. ھالبۇكى گالدىن بىر نەرسە ئۆتۈپ بولغۇچە كۆڭۈل ئېلىشىپ باش قېيىپ ئاران قالاتتۇق. شۇنچە ئاغرىپمۇ بۇلار نېمىشقا دوختۇرغا بارمىغاندۇ دەپ ئەجەبلەنگەنسىز؟

دوختۇرخانىغا بارايلى دېسەك، ھەممە دوختۇرخانىلارنى ۋىرۇس يۇقۇمدىن ئاغرىغانلار قاپلىغان بولغاچقا ۋىرۇس يۇقۇپ قالارمۇ؟ دەپ قورقۇپ تېخى بارالمايمىز، ئەڭ ئېغىر كەلگىنى، بىز ئاغرىپ بىر ھەپتىلەر

بولغاندا كىچىك بالام قىزىپ كەتتى. ئۇ بىچارە توختىماي يىغلايتتى، ئۇنىمۇ ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى بېرىپ يىغىدىن توختىتىپ، قىزىتمىسىنى قايتۇرۇپ يۈردۇق.

مېنى كۆرگىلى كىرگەن بىر خىزمەتدىشىممۇ، مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ ئەتىسىدىن باشلاپ قىزىپ بەدەنلىرىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقىنىنى ئېيتتى، شۇ چاغدا ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم، ئەمما مەندە ياكى ئىرىمدا ياكى بالامدا يۆتەل بولمىغاچ ھەم نەپەسلىنىش نورمال بولغاچقا شۇنداقلا بۇ كېسەلنىڭ بىزگە يۇقىدىغىنىغا ئىشەنمىگەندەك، يەنىلا مەن ئەمەس دەپ يۈردۈم. ئەمما يۇقۇم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قويماي ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى فەيسىبوكتا بىرىنىڭ چىقارغان ‹كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم تەم پۇراق سەزگۈسىنى يوقىتىدىكەن› دېگەن بىر خەۋەرنى كۆردۈم، ئارقىدىن يەنە يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ ئىچى سۈرىدىكەن دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالدىم، شۇندىلا ئۆزۈمدە دەل ئۇنداق ئالامەتلەر بولغاچقا زامان ‹ھە، مەن يۇقۇملانغان ئوخشايمەن› دەپ ئويلىدىم، لېكىن مېنى يەنە ئىككىلەندۈرگىنى ئېرىم بىلەن بالامدا ئۇنداق ئالامەتمۇ يوق،

ئاخىرى 24-چېسلا، يەنى ئاغرىپ دەل 14 كۈن بولغاندا، ئائىلە بويىچە دوختۇرخانىغا باردۇق، ھەممىمىزنى تەكشۈردى، دەرۋەقە ئېرىم، مەن ھەم كىچىك بالام يۇقۇملىنىپتۇق. دېمەك بۇ كېسەلنىڭ بەدەندە ئىپادىلىنىشى ئوخشاش ئەمەسكەن، ھەممىسى چوقۇم يۆتىلىشى شەرت ئەمەسكەن. بىراق بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ياخشى بولغاچ يەنى ساقىيىپ بولغاچ دوختۇرلار داۋالاش ئېلىپ بارمىدى، دورىمۇ بەرمىدى، ئۆيگە قايتىپ تۇرۇشىمىزنى، ئەگەر يۆتىلىپ نەپەستە قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ئۇلارغا تېلېفون قىلىشىمىزنى، ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقىمىزنى ئېيتتى.

بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتۈپ ھازىر مەن ۋە ئېرىم، بالاممۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدۇق. بەش ياشتىكى قوش كېزەك باللىرىمىزغا يۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ قاتتىق دىققەت قىلدۇق. تاماق، ياتاق ھەممىنى ئايرىپ، دېزىنفېكسىيە ۋە باشقا ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلا تەدبىرلەرنىڭ ھەممىنى قوللىنىۋاتىمىز. ھازىر بىز ياشاۋاتقان رايوندىمۇ ئۆيدىن چىقىش پۈتۈنلەي چەكلەندى.

ئەمما پسىخىكا جەھەتتىن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ھەتتا نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ماسكىلارنى تاقاپ تۇرۇقلۇقمۇ ئىشىكتىن ئاتلاشقا قورقىمەن. پۇت-قولۇم تىترەپ كېتىدۇ. شۇڭا دوختۇرخانىدىن يېنىپ كەلگەندىن بېرى سىرتقا چىقىپمۇ باقمىدىم.

مېنى ئەندىشىلەندۈرگىنى، مەندىن يۇققان خىزمەتدىشىمنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچ دوختۇرخانىغا ئەپكەتكەن، خىزمەتدىشىم ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا ئەھۋالى بەكمۇ ياخشى ئەمەس. مەن باشتىن باشلاپ ۋىرۇس ئىكەنلىكىمنى بىلمىگەچ، ۋىرۇس يۇقتى ماڭا دېگەن بىر قورقۇنچ بولمىغاچ ئۆزۈم بىلمەيلا ساقىيىپ كەتتىمۇ دەپ ئويلايمەن، ئەمما ئازابلىنىدىغىنىم ۋە ئەپسۇسلىنىدىغان يېرىم، بالدۇر بىلمەي ئالدىنى ئالماي خىزمەتدىشىمغا يۇقتۇرۇپ قويغىنىم. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سەمىمىي تەۋسىيەم!

توغرا مەن خىتايدىن تارقالغان بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدىم، ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي ئېلىشتىم ۋە ئۇنى يەڭدىم. لېكىن مەندە يۆتەل بولمىغاچ، نەپەس ياخشى بولغاچ ئۆزۈمنى يۇقۇملانمىدىم دەپ دىئاگنوز قۇيۇپ، ئېرىمگە، بالامغا، خىزمەتدىشىمغا يۇقتۇردۇم، ئېرىم بىلەن بالامغۇ ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن ساقىيىپ كەتتى. خۇداغا شۈكرى، ساقايمىغان بولسا قانداق قىلاتتىم، خىزمەتدىشىمغا بىر ئىش بولۇپ قالارمۇ دەپ يۈرىكىم ھازىرمۇ سۇ، ئۇ بالدۇرراق ياخشى بولۇپ كەتسىكەن، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا ئولتۇرىمەن. شۇڭا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ بولسىمۇ جېنى ئامان قالسۇن ۋە بىلمەي يۇقتۇرۇۋالغان بولسا ماڭا ئوخشاش ۋاقتىدا بىلمەي ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغىمۇ يۇقتۇرمىسۇن، دەپ ئەھۋالىمنى ئورتاقلاشتىم. قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىدە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھەر قاندىقىنى ئۆزىدە بولسىلا سەل قارىماي تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئېلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىمىزگە ساغلىق ئامانلىق يار بولسۇن.

ئېھتىرام بىلەن: ۋابا ھەر قانچە قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ئىنسانلىق مېھىر مۇھەببىتىمىز ھامان ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كېلىدۇ دەپ ئىشەنگۈچى قېرىندىشىڭلار نەفىسە ئۇيغۇر. 2-ئاپرېل، لوندون.»