ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە خەلق ئارتىسى نۇربۈۋى مەمەتوۋا ئالمۇتادا ئالەمدىن ئۆتتى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2025.02.12
Nurbuwi-memetowa-06 قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا
RFA/Oyghan

10-فېۋرال كۈنى ئالمۇتادا قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى شۇ كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ كۆكتېم رايونىغا جايلاشقان ئۆيىدە ئوقۇلدى، ئۇنىڭغا مەرھۇمنىڭ كەسىپداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ۋە يۇرت-جامائەت قاتناشتى.

قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا كەسپداشلىرى بىلەن بىللە. 2022-يىلى، ئالمۇتا
قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا كەسپداشلىرى بىلەن بىللە. 2022-يىلى، ئالمۇتا
RFA/Oyghan

نۇربۈۋى مەمەتوۋا كىچىك چاغلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان بولۇپ، ئۇزۇن يىللار ھازىرقى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرىدا ئىشلەپ، ھۆرمەت بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان ئىدى. ئۇ ئۆز خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ۋە خەلق سۆيگەن سەنئەتكاردۇر. نۇربۈۋى مەمەتوۋا ئاساسەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداش بىلەن خەلق ئارىسىدا داڭ چىقارغان.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىدا سۆزگە چىققانلار نۇربۈۋى مەمەتوۋانىڭ تالانتى، ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى سەنئەت ساھەسى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا
قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا
RFA/Oyghan

ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تونۇلغان ئارتىسى ئالىمجان ئەيسايېف سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز ھەقىقەتەن نۇربۈۋىدەك بۇلبۇللىرى بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى سەنئىتىمىزگە بېغىشلىغان ئىدى. پەقەت ئۆزىلا ئەمەس، زەينۇللام ئاكا باشلىق پۈتكۈل ئائىلىسى بىلەن بالىلىرىنى، نەۋرىلىرىنى ھەقىقىي سەنئەتكار قىلىپ تەربىيەلەپ قاتارىغا قوشتى. دېمەك، ئۇلارنىڭ ھاياتى تۈگىگىنى يوق، بەلكى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئەمگىكى ئارقىلىق مىللىي سەنئىتىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرغان بۇ ھەدىمىزگە چەكسىز ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئائىلىسىگە سەبىر تىلەيمىز».

قازاقىستاندىكى تونۇلغان تىجارەتچىلەردىن ئەخمەتجان شەردىنوف بىلەن دىلمۇرات قۇزىيېفلارمۇ سۆز قىلىپ، نۇربۈۋى مەمەتوۋانىڭ قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى قوشنا دۆلەتلەردىمۇ نامىنىڭ مەشھۇر بولغانلىقىنى، چوڭ ياشتىكىلەر بولسۇن، ياشلار بولسۇن، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى سۆيۈپ تىڭشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا
قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا
RFA/Oyghan

نۇربۈۋى مەمەتوۋا 1936-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلاپ، 16 يېشىدا كەسپىي سەھنىدىكى پائالىيىتىنى باشلىغان. نۇربۈۋى مەمەتوۋا 1958-يىلى ئائىلىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا، يەنى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان. ئۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇيغۇر تىياتىرىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىپ، سەنئەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان. نۇربۈۋى مەمەتوۋا پەقەت ئۇستا بىر ناخشىچى بولۇپلا قالماستىن، سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ھەر خىل ژانىرلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن رول ئېلىپ، تىياتىر ساھەسىدىمۇ تونۇلغان. يەنى «غېرىب-سەنەم» دىرامىسىدا ئايىم مەلىكە، «قەشقەر قىزىدا» يەڭگە، «ئانارخان» دا قۇشناچ ۋە باشقىمۇ ئەسەرلەردە ئوينىغان روللىرى بىلەن خەلق ئارىسىدا تونۇلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى قارمىقىدىكى «ناۋا» فولكلور ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى نىيازجان تۇرسۇنوف ئەپەندى قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئېغىر جۇدالىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «نۇربۈۋى ھەدە پۈتكۈل ھاياتىنى سەنئەتكە، ئۇيغۇر تىياتىرىغا بېغىشلىغان ھەدىلىرىمىزنىڭ بىرى. مەن ھەدىمىز بىلەن 45 يىل مابەينىدە بىللە ئىشلەشكە مۇيەسسەر بوپتىمەن. مەن شۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمەن. ئۇ مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئىدى. كېلەچەكتە مۇشۇ ‹ناۋا› ئانسامبىلىغا رەھبەر بولىسەن دەپ مېنى ئۈمىدلەندۈرگەن ئىدى. زەينۇللا ئاكا ئىككىسى ماڭا كۆپ مەسلىھەتلەرنى بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ ئارقىسىدا مەن ‹ناۋا› ئانسامبىلىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، خېلى يىللاردىن بۇيان ئىشلەۋاتىمەن. نۇربۈۋى ھەدىنىڭ ئورنى ئالاھىدە. نۇربۈۋى ھەدە ھەر بىر ناخشىنى بار ۋۇجۇدى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىشقى بىلەن ئورۇندايتتى. بىز سازەندىلەر شۇنىڭغا بېرىلىپ چالاتتۇق».

قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا كەسىپدىشى نىيازجان تۇرسۇنوف بىلەن بىللە. 2022-يىلى، ئالمۇتا
قازاقىستاننىڭ خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا كەسىپدىشى نىيازجان تۇرسۇنوف بىلەن بىللە. 2022-يىلى، ئالمۇتا
RFA/Oyghan

نىيازژان تۇرسۇنوف يەنە مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، فېۋرال ۋە مارت ئايلىرىدا بىز تۈركمەنىستانغا كېتەتتۇق. بىر نۇربۈۋى ھەدە ئۆزى بىر كونسېرتنى ئېلىپ ماڭاتتى. ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇندايتتى. تۈركمەنچە ناخشىلارنى ئېيتقاندا تۈركمەنلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، چاۋاك چېلىپ كېتەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1984-يىلى بىز قۇددۇس غوجامياروفنىڭ رەھبەرلىكىدە پاكىستاندا زىيارەتتە بولدۇق. شۇ پەيتتە پاكىستاننىڭ پىرېزىدېنتى زىيائۇل خەق نۇربۈۋى ھەدە ناخشا ئېيتقاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، چاۋاك چالغان ئىدى. بىر گۈلدەستە ئېلىپ چىقىپ، ئىچىگە ئىسمى يېزىلغان قەغىزىنى سېلىپ بەرگەن ئىدى. شۇ يەردە ئۇ: ‹مەن ھاياتىمدا بىرىنچى قېتىم شۇنداق ئاۋازنى ئاڭلاۋاتىمەن. نېمە دېگەن يېقىملىق، ئادەمگە ئىلھام بېرىدىغان ئاۋاز بۇ› دەپ، زور ھۆرمەت كۆرسەتكەن ئىدى. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بولغان سەپەردىمۇ نۇربۈۋى ھەدىگە بولغان ھۆرمەت، خەلقنىڭ ئالقىشى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئىدى. ھەر بىر مەملىكەتكە بارغاندا نۇربۈۋى ھەدە ئېيتقان ناخشىلاردىن خەلق ئىنتايىن رازى بولاتتى».

نۇربۈۋى مەمەتوۋا «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ باش ناخشىچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، رۇسىيە، پاكىستان، پورتۇگالىيە، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق ئەللەردە ئىجادىي سەپەرلەردە بولغان. ئۇ قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تۈركمەن، قاراقالپاق، ھىندى، كورېيە، مولداۋان خەلقلىرىنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ ئېيتىپ، چوڭ ھۆرمەت قازانغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجراسىدىكى «ئانامغا»، «ئىشقىڭدا»، «گۈلئايىم»، «پىراقىڭدا» قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نادىر ناخشىلىرىغا ئايلانغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى نۇرئالىم ۋارىسوف ئەپەندى نۇربۈۋى مەمەتوۋانىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىكى چوڭ كونسېرتقا قاتناشقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مەرھۇم سەنئەتكار نۇربۈۋى مەمەتوۋانىڭ ناخشىلىرىدا ئىجادىيلىق، مىللىيلىك ۋە خەلق ناخشىلىرىغا خاس بەدىئىي پۇراقنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى، شۇڭىمۇ ئۇنىڭ خەلقىمىز ياقتۇرغان ۋە سۆيگەن سەنئەتكارغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.

نۇرئالىم ۋارىسوف، نۇربۈۋى مەمەتوۋانىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدىمۇ، رول ئالغان كىنولاردىمۇ ئۆزىنى تالانتلىق ئارتىس سۈپىتىدە كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن كۆپلىگەن ياخشى مەسلىھەتلىرىنى ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، نۇربۈۋى مەمەتوۋانىڭ ئەمگىكى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۇقىرى باھالىنىپ، بىر نەچچە قېتىم پەخرىي يارلىقلار ۋە مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئۇ 1971-يىلى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى»، 1984-يىلى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى» ناملىرىغا مۇيەسسەر بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.