سابىق ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى نۇرئەخمەت بۇرھان: چەتئەلدە ئوقۇش ئارۇزيۇمنىڭ بەدىلى بەك ئېغىر بولدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-06-25
Share
nurexmet-borhan.jpg سابىق ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى نۇرئەخمەت بۇرھان ئەپەندى. 2020-يىلى مارت، بېلگىيە.
Photo: RFA

كورلانىڭ تەكچە يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان نۇراخمەت بۇرھان ئۇيغۇر رايونىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاشلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. بېرىلمىگەن پۇرسەتنى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن يارىتىش غەيرىتىگە كەلگەن نۇرئەخمەت، دادىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە 2014-يىلى مىسىرغا كېلىپ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ بەدىلى ساۋاقداشلىرىنىڭكىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن ئېغىر بولغان.

ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ قانمىغانلىقىغا قاراپ ئازابلانغان، مەھەللە ئىمامى بۇرھان كىرەمتۇللا تونۇش-بىلىشلىرىدىن تىڭ-تىڭلاپ ئالغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ئوغلىنى مەشھۇر ۋە قەدىمىي ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئەزھەردە ئوقۇتۇش پىلانىغا كەلگەن. ئۇ كەنت كادىرلىرىدىن ناھىيە باشلىقلىرىغا قەدەر، ئون نەچچىلگەن چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىشىكىگە قاتراپ يۈرۈپ، 2014-يىلى ئوغلىنىڭ پاسپورتىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئەزھەرگە يولغا سالغان.

دادىسىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىدىن تەسىرلەنگەن، نۇرئەخمەت پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى دادىسىدىن ئەنسىز خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىغان؛يەنى يۇرتى كورلانىڭ تەكچە يېزىسىدىكى ساقچىلار، دادىسىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق، ئۇنى يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە قىستىغان. بۇ خىل قىستاشلارغا بويسۇنۇپ يۇرتىغا قايتقان ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىلا غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان نۇرئەخمەت تۈرمىگە كىرىپ كېتىش قىسمىتىنىڭ ئۆزىنى نابۇت قىلغىنىدىن باشقا ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ھاياتىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىش بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. 2017-مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تۇتقۇن باشلانغاندا ئۇ بىر تۈركۈم ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مىسىر قاماقخانىسىدا ئىككى ئايچە سولاپ قويۇلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن بىر يوللارنى قىلىپ ئاۋۋال تۈركىيەگە ئاندىن بېلگىيەگە قېچىپ بارغان. ئۇ، قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىق، مەھبۇسلۇق ۋە مۇساپىرلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھاياتنىڭ جاپا ۋە ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئەمما جاپاكەش دادىسىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكى ئۇچۇرى ۋە ئايالى-بالىسىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ئۇنى بىر كۈنمۇ ئارامىدا قويمىغان. ئۇ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، دوستلىرىدىن ئۈندىداردا گەپ سوراپ باققان. بىراق ئۇ ئۈندىداردىن شۇ زامان چىقىرىۋېتىلگەن، ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ دادىسىنىڭ نەدىلىكىنى سوراپ باققان بولسىمۇ، تېلېفون يۈزىگىلا قويۇۋېتىلگەن.

ئۇنىڭ بۈگۈن، يەنى 24-ئىيۇن كۈنى رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان مۇھاجىرلارغا ئوخشاشلا، گەرچە تۇرمۇشى مولچىلىق ۋە ھاياتى بىخەتەر ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەر كۈنى داستىخان ئۈستىدە ئائىلە ئەزالىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ ئېغىزىغا ئالغان تائامنى تەسلىكتە يۇتۇشقا زورلانغان، يېشىل باغچىلىق بىنالارنىڭ ئېگىز قەۋەتلىرىدە، كېچە-كېچىلەپ، ئۇيقۇسىز ئۆتكەن ۋە ياكى ئەنسىز، قورقۇنچلۇق چۈشلەر بىلەن تالاي قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن. ئۇ بەزىدە ئۆز-ئۆزىنى سوراققا تارتقان، يەنى خىتاي ساقچىلىرى يۇرتىغا چاقىرتقاندا قايتمىغانلىقىنىڭ توغرا قارار بولغان-بولمىغانلىقى ئۈستىدە ئويلانغان؛ ئۇ ئەگەر يۇرتىغا قايتقان بولسا، دادا-بالا ھەر ئىككىلىسىنىڭ تۈرمىدە بولۇش ئېھتىماللىقى؛ بۇنىڭ دادىسىنى تېخىمۇ ئازاپلايدىغانلىقى، قېرىنداشلىرىنى تېخىمۇ سەرسان قىلىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىپ، قەلبىگە تەسەللى تاپقان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بەزىدە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھاياتىنىڭ نەرىدە خاتا كەتكەنلىكى، نېمىنى خاتا قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ ئويلىنىپ باققان؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىدا ھېچكىمنىڭ ھەققىنى يېمىگەنلىكى، جەمئىيەتكە ھېچقانداق زىيان سېلىپ باقمىغانلىقى، ھەتتا بىر ھاشارەتنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولۇپ باقمىغانلىقىدەك تىنچ ۋە ئىتائەتمەن ھاياتىنى ئەسلىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پەقەت، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارىتىدە ياشاپ قېلىشتىن باشقا «گۇناھى» يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئۇ شۇڭا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشنى، ئۇ نۆۋەتتە قىلالايدىغان ۋە قىلىشى كېرەك بولغان بىرىنچى ئىش دەپ قاراپ، ئائىلە پاجىئەسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە قارار بەرگەن.

بىز بۇ گۇۋاھلىقتىن كېيىن، كورلادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تەكچە يېزا تەكچە كەنت مەسچىت ئىمامى بۇرھان كىرەمتۇللانىڭ نام-شەرىپى بەك چوڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ ئاتالمىش گۇناھى بەك كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ، ئەيتاۋۇر خادىملار بۇ كىشى ھەققىدە سورىغان ھەرقانداق بىر سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

يۇقىرىدا بېلگىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى نۇرئەخمەت بۇرھاننىڭ مۇھاجىرلىق كەچمىشى ۋە تەسىراتى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.