نۇرىمان خانىم: «زۇلۇمنىڭ قاتتىقلىقىدىن قىسمەتلىرىمىز باشقىلارغا رىۋايەتتەك ئاڭلىنىدىكەن»

0:00 / 0:00

يېقىندا «دوھا مۇھاكىمە مۇنبىرى» ئىشلىگەن «ئۇيغۇر مۇساپىرلار: مەن ئائىلەمنى قايتا كۆرەلەمدىم؟» تېمىسىدىكى ۋىدىيولۇق زىيارەت فىلىمىدا ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ تاراتقۇلاردا مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇلغان.

مەزكۇر فىلىمدا ئامېركادىكى نۇرىمان ئابدۇرېشىت خانىم ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، فىرقەت جەۋدەتنىڭ ئاپىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئامېركادا ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگېر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تۇتقۇندىكى ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى ئارقىلىق بېسىم يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر گۇۋاھلىق فىلىمى خىتاي ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان لاگېرلار ھەققىدە مەخسۇس «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاقلاپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە تارقالدى. بۇ فىلىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان يەنە بىر ئىسپات سۈپىتىدە تاراتقۇلاردا بەلگىلىك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئاسپىرانت نۇرىمان ئابدۇرېشىت ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئىزتىراپلىرىنى ۋە ئۇنى ئەتراپتىكىلەرگە ئاڭلىتىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى ئورتاقلاشتى.

نۇرىمان خانىم دادىسى ئابدۇرېشىت توختىنىڭ پېنسىيەگە چىققان بىر يېزا كادىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل 54 ياشتا ئىكەنلىكىنى، ئاپىسى تاجىگۈلنىڭ تېخى ئەللىككىمۇ كىرمىگەن ئائىلە ئايالى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەشكە بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىنىلىرى ئەمەتجان ئابدۇرېشىت بىلەن مەمەتئېلى ئابدۇرېشىتنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بېلىنى چىڭ باغلاپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭى ئوقۇپ كەلگەنلىكىنى، ئائىلىسى دۇچ كەلگەن دەرد-ئەلەملەر دەستىدىن ئۆزىنىڭ ھازىر كېچىلىرى ئۇخلىيالماس بولۇپ قاتتىق روھى بېسىم ئىچىدە قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرىمان ئۆزىگە ئوخشاش ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان، دەردىنى ئاڭلىتىشقىمۇ ئامالسىز قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى ئالاقە-ئۇچۇر تەرەققىي قىلغان بىر دەۋردە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ خىل ئازابنىڭ نورمال ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنى باشقىلارغا ئىشەندۈرۈشنىڭمۇ تەسلىكىنى بايان قىلدى.

نۇرىمان مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر يەردە شۇنى تەكرار دەيمەن، خىتاي لاگېردىكىلەرنىڭ 90 پىرسەنتىنى قويۇۋەتتۇق دەيدۇ، ئۇنداق بولسا، قېنى مېنىڭ ئائىلەم، خىتاي ئۇلارنى كۆرسەتسۇن، دېگەنلىرىنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىسۇن!»

لاگېرلارغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە تاراتقۇلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورۇنلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئىشى لاگېر مەسىلىسىنى يورۇتۇشتا ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلاشتا ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. بارغانچە كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسپاتلىق گۇۋاھلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن لاگېرلارغا قامالغانلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى زورىيىپ بارماقتا. بۇ خىل گۇۋاھلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىلدىن ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.