نۇرى تۈركەل: «خىتاي ھۆكۈمىتى شائىر ئادىل تۇنىياز ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.05.21
نۇرى تۈركەل: «خىتاي ھۆكۈمىتى شائىر ئادىل تۇنىياز ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشى كېرەك» ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى شائىر ئادىل تۇنىياز ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلاشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» قاتارىدا رەسمىي ئېلان قىلغان.
Photo: RFA

2017-يىل 12-ئايدا مەرھۇم دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، شۇ قاتاردا مەرھۇمنىڭ قىزى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى چوڭ ئوغلىنىڭ قاماققا ئېلىنىپ، كىچىك ئىككى ئوغلىنىڭ يېتىمخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى. «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا مۇھىم دىنىي كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، خەلقئارا ئىسلام دۇنياسىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىنىڭ 2018-يىلنىڭ بېشىدا يىغىۋېلىش لاگېرىدا ۋاپات بولۇشى خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھە ئالىملىرىنى يوقىتىشقا ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى شائىر ئادىل تۇنىياز ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلاشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» قاتارىدا رەسمىي ئېلان قىلغان. مەزكۇر كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىنغان، شۇنداقلا نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئادىل تۇنىياز ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر بولغاننىڭ ھەممىسىنى تەھدىت دەپ بېكىتتى. شۇڭا ئۇلار مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا سولىدى. ئادىل تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار بۇ قەبىھ ھاكىمىيەتنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى تامامەن خىتايلاشتۇرۇش ۋە يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت فونكىسىيەسى، «ۋىجدان مەھبۇسلىرى پىلانى» ھەمدە بۇنىڭ ئوينايدىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكانىڭ قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان مۇھىم بىر ئورگىنى. بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ دەۋاگەرى بولۇش. گەرچە بىز ئۇ مەھبۇسلارنى دەرھال قۇتۇلدۇرۇپ چىقالمىساقمۇ، خەلقئارا تەسىر ۋە بېسىم پەيدا قىلالايمىز ھەم بەزى دۆلەتلەردە بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەلۇم شەخسنى كومىتېتىمىزنىڭ ۋىجدان مەھبۇسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، بەلكى بۇ ۋاقىت كېتىدىغان بىر جەريان».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرى قاتارىدا شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ كىملىكى، ئىجادىيەت نەتىجىلىرى، ئائىلە بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى قىسقىچە بايان قىلىنغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى شائىر ئادىل تۇنىيازنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ «ۋىجدان مەھبۇسلىرى پىلانى» غا كىرگۈزۈش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئادىل تۇنىياز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇھىم شەخسلەردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە خىتاينىڭ كۆزىگە مىق بولۇپ قادالدى. تارىختىن خەۋىرى بار كىشىلەرگە مەلۇمكى، سەرخىللارنى يوقىتىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسا نىيەت جىنايىتىدۇر، خىتاينىڭ نىيىتى ئېنىق، شۇڭا ئۇيغۇر سەر خىللىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك زىيانكەشلىك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئادىل تۇنىيازنى تاللىۋالدىم، چۈنكى بۇنىڭ سىمۋوللۇق رولى، شۇنداقلا مىللەتنى، خەلقنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئويغا سېلىشتا ھالقىلىق رولى بار».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىل تۇنىيازغا ئوخشاش داڭلىق زىيالىيلارغا بۇنچە رەھىمسىز مۇئامىلە قىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ سەر خىللارنى يوقىتىش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۆز ۋاقتىدا ناتسىست گېرمانىيەسى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا يەھۇدىيلارنىڭ مۇھىم زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگەنىدى. خىتاي بۇنداق نادىر ئىنسانلارنى يوقىتىۋەتسە بۇ مىللەتنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئەللىك-ئاتمىش يىل كېتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سەر خىللىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق بۇ مىللەتنىڭ كۈچىنى قاتتىق زەئىپلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «ۋىجدان مەھبۇسى» دەپ ئېلان قىلىنىشىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلغان مۇھىم يەكۈن ۋە قارار ئىكەنلىكىنى، بۇ قارارنى ئېلان قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىدا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىگۇناھ تۇتۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، جۈملىدىن ئادىل تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ھەر يىلى دېگۈدەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دىنىي زاتلار، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شەخسلەرنى «ۋىجدان مەھبۇسى» دەپ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئادىل تۇنىيازدىن ئىلگىرى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن «سەلكىن» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن، «دىيارىم» تورىنىڭ قۇرغۇچىىسى دىلشات پەرھات (ئاتامان) قاتارلىقلارمۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرى تىزىملىكىگە ئېلىنغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.