نۇر شىركىتىنىڭ خوجايىنى نۇرمەمەت ئابدۇللا: «ئىستىقباللىق كارخانىچىدىن لاياقەتلىك پاناھلانغۇچىغا ئايلاندىم»
2019.05.09
2006 -يىلى يۈننەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاشقى سودا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرگەن نۇرمەمەت ئابدۇللا 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى تومۇز ۋەقەسى» دىن كېيىن نوپۇس سېتىۋېلىش ئارقىلىق بىر مەھەل «گۇاڭدوڭلۇق» بولۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ سالاھىيەتمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوشۇرۇپ قالالمىغاچقا ئۇ 2014-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئىستانبۇلغا كۆچۈشكە ۋە شېنجېندىكى «نۇر تاشقى سودا شىركىتى» نى چەتئەلدە تۇرۇپ ماڭدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭ 3 خىتاي بانكىسىدىكى ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلى توڭلىتىۋېتىلگەن. نەتىجىدە 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇ ئىستانبۇلدىن ياۋروپاغا كۆچۈپ، روناق تېپىۋاتقان بىر كارخانىچىدىن سىياسىي پاناھلانغۇچىغا ئايلانغان.
نۇرمەمەت ئابدۇللا يۈننەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاشقى سودا كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جېجياڭنىڭ يىۋۇ شەھىرىدە بىر مىسىرلىقنىڭ تاشقى سودا شىركىتىدە ئىشلىگەن. ئۇ بۇ شىركەتتە قىسقا بىر مەزگىل تەجرىبە توپلىغاندىن كېيىن، «ئىسلاھ ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى» نى قۇرغان ۋە تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغان. شىركەت قۇرغان دەسلەپكى يىلدىلا بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقان نۇرمەمەت ئابدۇللا سودىدىكى بىلىمى، تەجرىبىسى ۋە تالانتىنى ئۆز ئانا تۇپرىقىدا جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن 2009-يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەن. ئۇ «5 -ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يىلچە قامالغان ۋە «سىياسىي تەربىيە» دىن ئۆتكەن. قاماقتىن چىققاندىن كېيىنكى دىشۋارچىلىق ئۇنى سودىدا دەسلەپتە يول تاپقان يىۋۇ شەھىرىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇيغۇرلارغا يىۋۇدىمۇ ئارامچىلىق بولمىغاندىن كېيىن ئۇ شېنجىندىن نوپۇس سېتىۋېلىپ، بىر مەھەل «گۇاڭدوڭلۇق» بولۇۋالغان ۋە «نۇر تاشقى سودا شىركىتى» نى قۇرغان. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەيلى تىجارەت ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن تۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك قىيىنلاشقاندىن كېيىن ئۇ گۇاڭدوڭدىمۇ پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. نەتىجىدە يىلىغا چەتئەلگە 40-50 كونتېينېر مال چىقىرىۋاتقان ۋە ھىرا نامىدىكى بىر رېستوراننى شېرىكلىشىپ ئېچىۋاتقان نۇرمەمەت ئابدۇللا 2014-يىلى ئائىلىسى بىلەن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ ئىستانبۇلدا ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلغاندىن باشقا يەنە شېنجىن ۋە خوڭكوڭدىكى شىركىتىنىڭ سودىسىنى داۋاملاشتۇرغان. 2016-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ 3 خىتاي بانكىسىدىكى 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلى توڭلىتىلغان. مال-مۈلۈكتىن ئايرىلغان نۇرمەمەت ئابدۇللا 2018-يىلى ياۋروپاغا كۆچۈپ بېرىپ سىياسىي پاناھلانغۇچىغا ئايلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇرمەمەت ئابدۇللاغا قارىتا زىيان زەخمىتى مال-دۇنيا بىلەنلا چەكلەنمىگەن. ئۇنىڭ بىر ئاكىسى لاگېردا جان ئۈزگەن، قالغان قېرىنداشلىرى ئائىلىسى بويىچە لاگېرغا سولانغان. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلايسىلەر.