ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.02.14
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى ئۇيغۇر ياشلىرى 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشىلىقىنى بىلدۈردى. 2022-يىلى 12-فېۋرال، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

12-فېۋرال شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر مۇسابىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىمۇ مۇسابىقەنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى 2022-بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئۆتكۈزگەن 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 12-فېۋرال، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئۆتكۈزگەن 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 12-فېۋرال، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بۇ قېتىملىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە بىر تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى يوشۇرۇش ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن ئولىمىپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىغا قارشى تۇرۇش، ئۇنى بايقۇت قىلىش، شۇنداقلا بۇنىڭغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق.»

بۇ قېتىملىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە «ئىستىقلال مېدالى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، چوڭ-كىچىك 30 دەك ئۇيغۇر ياش مۇسابىقىغا قاتناشتى. چوڭ-كىچىك ماھىرلار ھەرقايسىي تەشكىلات مەسئوللىرى ۋە مەيداندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن 5000 مېتىرلىق مۇساپىنى يۈگۈرۈپ غەلىبىلىك تاماملىدى.

ئۇيغۇر ياشلىرى 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشىلىقىنى بىلدۈردى. 2022-يىلى 12-فېۋرال، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ياشلىرى 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشىلىقىنى بىلدۈردى. 2022-يىلى 12-فېۋرال، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ياشلارنىڭ بۇ قېتىملىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىستىقلال ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىملىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بىزگە ئىستىقلالدىن ئىبارەت نىشانغا ئېلىپ بارىدىغان بىر روھنى نانايان قىلدى. بۇ قېتىملىق يۈگۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ماھىرلارنى ئىستىقلال مېدالىغا ئېرىشتۇرسە، ئومۇمىييۈزلۈك ھەرىكەت قىلىۋاتقان مۇجادىلىمىزمۇ بىزنى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئازادلىقى ۋە ئىستىقلالىنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلاپ ماڭىدۇ. بىز مۇشۇ نىيەت ۋە ئارزۇ بىلەن ئىشىمىزنى باشلايمىز، ھەممەيلەنگە غەلبە ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن!»

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئۆتكۈزگەن 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى 12-فېۋرال، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئۆتكۈزگەن 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى 12-فېۋرال، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تاھىر كۆكبايراقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن مۇھەممەد ئۆتكۈر، ئابدۇللاھ ئىدىقۇت، ئابدۇراھمان ئىدىقۇت، ئابدۇللاھ ئارىفئوغلى، ھەمزە نىياز، ئابدۇراخمان سىدىقئوغلى، ئابدۇلھەمىد كۇچار، مۇھەممەد ئۆمەر، ئابدۇقاھار تۈركئوغلى، ئەلى قاراقاش قاتارلىق ئالدىنقى 10 ماھىرغا لوڭقا، مېدال قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار ۋە نەق پۇل مۇكاپات بېرىلگەن. مۇسابىقىغا قاتنىشىپ ئالدىنقى دەرىجىگە كىرەلمىگەن باشقا بارلىق ياشلارغا كۆك ھىلال ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەق پۇل بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلگەن.

بىز بۇ قېتىملىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ياش ماھىر مۇھەممەد ئۆمەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا قاتناشقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.