سابىق «مەشئەل يەتكۈزگۈچى»، دوختۇر ئابدۇقەييۇم سەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.02.24
سابىق «مەشئەل يەتكۈزگۈچى»، دوختۇر ئابدۇقەييۇم سەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى 2008‏-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدە مەشئەل كۆتۈرگەن ئابدۇقەييۇم سەمەت. (سۈرەت تارتىلغان ۋاقىت ۋە ئورۇن ئېنىق ئەمەس)
Uyghuryar Fondi

نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ فېيسبۇكتىكى بىر ئۇچۇرىدا 2008‏-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مەشئەل كۆتۈرگەنلەردىن ئاز دېگەندە 8 نەپىرىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، بۇ 8 كىشىدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دوختۇر ئابدۇقەييۇم سەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ فېيسبوكتىكى بىر ئۇچۇرىدا 2008-يىلى مەشئەل كۆتۈرگەنلەردىن پاتىگۈل قادىر، ئالىمجان مەخمۇت، ياسىنجان ئاۋۇت، جۇمەخۇن مەمەت، نۇرئەلى مەمەت، ئادىل ئابدۇرېھىم، ئابدۇقەييۇم سەمەت، ئابدۇرېشىت مەخەت قاتارلىقلارنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر ئۇچۇردا بۇلارنىڭ پەقەتلا مەشئەل كۈتۈرگۈچىلەر ئىچىدىكى قەشقەر تەۋەلىكىدىكىلەرنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئۇچۇردا يەنە بايان قىلىنىشىچە، بۇلاردىن ئابدۇقەييۇم سەمەت مەشئەل كۆتۈرگەن مەزگىلىدە، ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كېرەمباغ دوختۇرخانىسى بىر خادىمى، دەسلەپتە بۇ دوختۇرخانىدا بۇنداق بىر خادىمنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا يېڭى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر كىشىنىڭ ئىلگىرى بۇ دوختۇرخانىدا بولغان-بولمىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇقەييۇم سەمەت شىنجاڭ مېدىتسىنا ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تەجرىبىلىك بىر دوختۇر بولۇپ، ئۆز ساھەسىدە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بىر تىببىي مۇتەخەسسىس ئىكەن. خىتاي تور ئارخىپلىرىدىكى بىر خەۋەردە ئابدۇقەييۇم سەمەت قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇنىڭ بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە مەلۇم بىر تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى بايان قىلىنغان. قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، ئابدۇقەييۇم سەمەتنىڭ 2008‏-يىلى مەشئەل كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەنە ئۆستۈرۈلگەنلىكى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسىدا ئىشلىگەنلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە شۇ مەزگىللەردىمۇ ئابدۇقەييۇم سەمەتنىڭ قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلۇق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، يەنى مۇھىم ئوپېراتسىيەلەردە مەسئۇل دوختۇر بولۇپ ئىشنىڭ بېشىدا تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

مەلۇم بولىشىچە، ئابدۇقەييۇم سەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ يېتەكچىلىكىدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» تەرىپىدىن 2019‏-يىلى بايقالغان ۋە شۇ يىلى «تۇتقۇندىكى زىيالىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزلگەن ئىدى.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ خادىملىرى ئابدۇقەييۇم سەمەتنى تونۇمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەشتى. ئەمما قەشقەردىكى بىر ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خادىمى، ئابدۇقەييۇم سەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا قانچە يىل بولغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن 4 يىل بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىشارەتلىدى. بۇ پونكىتتىكى يەنە بىر خادىممۇ، ئابدۇقەييۇم سەمەت تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئابدۇقەييۇم سەمەتنىڭ 18 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە بىڭتۇەن تۈرمسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئەمما تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملار بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرەلمىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى پەردازلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى سەنئەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە پەقەت ۋاستە قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا مەشئەل تۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنى سەھنىدە ئۇسسۇلغا سېلىشلارنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق بىر «ئىلتىپات» ئىكەنلىكى، يەنى ئۇلارنى خالىغان ۋاقتىدا يوقىلاڭ سەۋەپ ياكى سەۋەپسىز ھالدا جازالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.