شىنجاڭ روزى ھاجى سودا شىركىتىنىڭ ئاكا-ئۇكا ساھىبلىرى روزى ھەمدۇل بىلەن مەمەت ئابدۇلنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئۆمەرجان ھەمدۇل يېقىندا خىتاي سوت ئورگانلىرىنىڭ تور ئارخىپلىرىدىن ئاكىسى مەمەت ھەمدۇلنىڭ «ھەشەمەتچىلىك (يۇقىرى ئىستېمال) تىن چەكلەنگەنلىكى» ھەققىدە بىر ھۆكۈمنامە ئۇچراتقان. ھۆكۈمنامىدە جازانىڭ سىرتتا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئىشارەتلەنگەن ھەم مەزكۇر ھۆكۈم چىققىلى 3 ھەپتە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆمەرجان ھەمدۇل ئاكىسىنىڭ ئائىلىسىگە قايتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدىمۇ ئالاقىدار خادىملار ۋە كىشىلەر مەمەت ھەمدۇلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۆمەرجان ھەمدۇل بۇ سىرلىق ھۆكۈم سەۋەبلىك ئاكىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ئۆمەرجان ھەمدۇل يېقىندا تور ئارخىپلىرىدىن ئاكىسى مەمەت ھەمدۇل ھەققىدە بىر ھۆكۈمنامە ئۇچراتقان. «ھەشەمەتچىلىك (يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىستېمال) تىن چەكلەش بۇيرۇقى» نامىدىكى بۇ ھۆكۈمنامە «جۇڭگو قانۇن ئىجرائاتلىرى ئۇچۇرلىرى» نامىدىكى تور بەتتە ئېلان قىلىنغان. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈمدە مەھكۇمنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز سەپىرىگە چىقىشقا بولمايدىغانلىقى، ئالىي دەرىجىلىك ماشىناغا ئولتۇرۇش ۋە ئالىي مېھمانخانىلاردا يېتىشقا بولمايدىغانلىقى شۇنداقلا مۇقىم مۈلۈك سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى بۇيرۇلغان.
ئۆمەرجان ھەمدۇل ھۆكۈمنامىدىكى بۇ مەزمۇنلاردىن مەمەت ھەمدۇلنىڭ مەلۇم بىر جازاغا ئۇچرىغانلىقى ۋە جازانىڭ سىرتتا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ۋە ئاكىسى بىلەن ئەمدىلىكتە تېلېفوندا بولسىمۇ بىر كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكىنى كۈتكەن. لېكىن ھۆكۈم چىققىلى بۈگۈن دەل 22 كۈن بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. كورلادىكى ئالاقىدار خادىملار مەمەت ھەمدۇلنىڭ دېلوسى ھەققىدە پۈتۈنلەي خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.
قەيت قىلىنىشىچە، مەمەت ھەمدۇل ئۈستىدىكى «ھەشەمەتچىلىكتىن چەكلەش» ھۆكۈمى كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان. ئەمما بۇ سوتتىكى خادىملارمۇ مەزكۇر ھۆكۈم ۋە مەمەت ھەمدۇلنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمىدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ھەشەمەتچىلىكتىن چەكلەش» بەلگىلىمىسى خىتايدا ئادەتتە بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولغان دېلولار ئۈچۈن 2010-يىلى تۈزۈلگەن ۋە 2015-يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پەقەت پارىخور ئەمەلدار ۋە قەرزدار شىركەت خوجايىنلىرىنى جازالانغاندىن كېيىنمۇ دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىكەن.
ئىككى ئاكىسىنىڭ ئاز دېگەن 100 مىليون دوللارلىق مەبلىغى بارلىقى، دىنىي ئېتىقادلىرى سەۋەبلىك بانكىدىن قەرز ئېلىپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۆمەرجان ھەمدۇل مەزكۇر ھۆكۈمنى ئائىلىسىگە تەۋە مال-مۈلۈكنىڭ مۇسادىرە قىلغانلىقىنىڭ ياكى ئۇنى مۇسادىرە قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئىشارىتى دەپ قارايدىكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلادىكى «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى» نىڭ بىر خادىمىمۇ مەمەت ھەمدۇل ئۈستىدىن چىقىرىلغان مەزكۇر ھۆكۈمدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنى ئىدارە قىلىشتا مالىيە چىقىمىنىڭ زور بىر قىسمىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئارتقانلىقى، ئۇيغۇر رايوندىكى دائىرىلەرنىڭ بۇ چىقىمنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇيغۇر سودا-كارخانىچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن ھەل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. كانادالىق لاگېر تەتقىقاتچىسى شاۋن جاڭ تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بىر لاگېر قۇرۇلۇشى توختامنامىسىدىمۇ قۇرۇلۇش چىقىمىنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، كورلادا «چىلانباغ سارىيى» نامىدىكى 33 قەۋەتلىك ئىككى بىنا قەد كۆتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھەيۋەتلىك بىنانىڭ ساھىپلىرى روزى ھەمدۇل بىلەن مەمەت ھەمدۇل تۇتقۇن قىلىنغان. سودىدىكى ماھىرلىقى ۋە تەقۋالىقى بىلەن تونۇلغان بۇ ئاكا-ئۇكىلار ھەققىدە ئىلگىرى 25 يىل ۋە 15 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.
ئۆمەرجان ھەمدۇل ئىككى ئاكىسىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە چىقىۋاتقان بىر-بىرىدىن پەرقلىق بۇ ئۇچۇرلار ھەققىدە تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىدىنمۇ بىر ئىزاھاتقا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ نۆۋەتتە ئىككى ئاكىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن، بولۇپمۇ مەمەت ھەمدۇلنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە بۇرۇن مەمەت ھەمدۇلنىڭ دېلوسىغا قول تىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ساقچى خادىمىمۇ مەمەت ھەمدۇلنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۇچۇرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
0:00 / 0:00