يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ» تورى قاتارلىقلاردا مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» تەشۋىقاتى قايتىدىن كۈچەيتىلگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-، 15-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدىكى خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە سانلىرىنىڭ باش سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە، «‹جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى› ئېڭى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئاساسىدۇر، جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ نېگىزى ۋە مەنىۋى كۈچىدۇر،» دېيىلگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئوبزۇرىدا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇملىشىشى تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئەنئەنىۋى خىتاي بايراملىرىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان، خىتاي تىلىنى دۆلەت تىلى سۈپىتىدە ھەممە مىللەت ئورتاق قوللىنىدىغان مەنزىرىنى يارىتىش، دىنىي ئېتىقادتىمۇ «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن» مەنزىرىنى يارىتىشتەك «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى ئاساس ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئوبزوردا يەنە ئۇيغۇلارنىڭ تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرى دەۋرىدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» شوئارى ئەسلى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدا، يەنى مەنجىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى خىتاي مىللەتچىلىرىدىن لياڭ چىچاۋ قاتارلىقلار تەرىپىدىن مەنچىڭ خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خىتاي دۆلىتى قۇرۇش تەشەبىبۇسىدا ئوتتۇرىغا چىققان شوئار ئىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ شوئارنىڭ خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا خىتاي مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن خىتايدىن باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىقلاردا مەنىۋى ئۈنۈمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر شوئارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش تارىخى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭى ھەقىقەتەن خىتاي مىللەتچىلىرىدىن لياڭ چىچاۋ قاتارلىقلار تەرىپىدىن خىتاي خەلقىنىڭ مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۈرىشىدە بايراق سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان ئىكەن.
مانجۇ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېقىنقى زامان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بۇ نەزەرىيەدىن خىتاي دۆلىتىنى ئىدارە قىلىشتىكى مەنىىۋى قورال سۈپىتىدە پايدىلانغان ئىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇ شوئارنى قايتىدىن بازارغا سېلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقىنى، يەنى خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا باش كۆتۈرۈشىگە دەخلى قىلىدىغان ئەڭ زور خەۋپ خىتاي دۆلىتىنىڭ پارچىلىنىش خەۋپى ئىكەن. شۇڭا شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي تېروتورىيەسىدىكى خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى تولۇق «خىتايلاشتۇرۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» شوئارى قايتىدىن بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ بارلىق مىللەتلەرنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دېگەن نام ئاستىدا خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر خىل نامدىكى ئاتىلىشى ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، ھەتتا بۇ خىل خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى رادىكال ۋاستىلار ئارقىلىق ئىجرا قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدا يەنە «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ خىتايلاشتۇرۇش» تەشەببۇسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئوبزور ماقالىسىدە يەنە يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا قىلغان سۆزى ئالاھىدە نەقىل ئېلىنىغان. شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپترونۇم رايونىنى باشقۇرۇش ھەققىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قىلغان سۆزىدە رايوندىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ئۇيغۇر كادىرلىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىگە ئائىت مىللىي، دىنىي ۋە تارىخىي كۆز قارىشىنى تۈپتىن يوقىتىپ، ئۇلارغا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» تەشەببۇسىدا «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» تەشەببۇسىنىڭ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى سىياسىي مەقسەت ھەققىدە توختالدى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى سىڭدۈرۈش شوئارى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنى مۇقەددەس ئىسلام دىنى ئېتىقادىنىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان تىل، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قوشۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنى ئېتىقادىنىمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00