ئافغانىستان قىسىملىرى ئارغاندا رايونىدا تالىبانلارغا قارشى ھۇجۇم باشلىدى

س ن ن نىڭ كابۇلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان قىسىملىرى بۈگۈن 6 ‏ - ئاينىڭ 18 ‏ - كۈنى، ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ئۆلكىسىدىكى ئارغاندا رايونىدا تالىبانلارغا قارشى ھۇجۇم باشلىدى.

بۇ ئۇچۇرنى ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال زاھىر ئەزىمى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى لەشكەرگاھ دېگەن جايدىمۇ تالىبانلارغا قارشى ئايرىم جەڭ بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستان قىسىملىرى ناتو قىسىملىرىنىڭ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كانادا قىسىملىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، ئارغاندادا تالىبانلارغا قارشى قوزغىغان ھۇجۇمدا، 20 نەپەر تالىبان ئۆلتۈرۈلگەن.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 6 ‏ - ئاينىڭ 15 ‏ - كۈنى قەندىھاردا 400 نەپەر جەڭخۇمار تۈرمىدىن قاچقان ئىدى.