پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىسى تارىق ئەزىزىدىن، شەنبە كۈنى ئەل-ئەرەبىيە تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەن بىر سىنئالغۇ لىنتىسىدا، تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تالىبانلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
پاكىستان ھۆكۈمىتى تېخى ئۇنىڭ تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىدى. لېكىن باش ئەلچىنىڭ، تۈرمىدىكى سەپداشلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىۋاتقان قوراللىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستاننىڭ ئافغانىستان باش ئەلچىسى، تېلېۋىزوردىكى باياناتىدا، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تېزدىن تالىبانلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستان تۈرمىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونى ناھايىتى خەتەرلىك بىر رايون بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ رايوندا ئونلىغان كىشىلەر ھەر قايسى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان باش ئەلچىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىشى، پاكىستاندىكى مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك جىددىي ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جامائەتكە يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن.