پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركمەنىستاندىكى گاز مەنبەسىدىن باشلىنىدىغان مەزكۇر تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى قازاقىستاننىڭ جامبۇل ئوبلاستى، جەنۇبىي قازاقىستان ۋە ئالمۇتا ئوبلاستلىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس چېگرىسىدىن كىرىدۇ. ئومۇمىي مۇساپىسى 1300 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يول ئارقىلىق يىلدا 40 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز توشۇلىدۇ.
بۇ تۇرۇبا يولى باسقۇچلار بىلەن قۇرۇلىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستان چېگرىسىدىن قازاقىستاننىڭ چىمكەنت شەھىرىگە، ئارقىدىن داۋاملىق ھالدا ئالمۇتا - قورغاس لىنىيىسى بويىچە جەنۇبىي قازاقىستاندىن ئۆتىدۇ. قازاقىستان تەرەپ بۇ يولنى ناھايىتى مۇھىم دەپ ھېسابلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن خىتايغا گاز ئېكسپورت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.
بۇ قېتىم ئېچىلغان يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پايدا كەلتۈرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
خىتاي قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن تەبىئىي گاز كېلىشىملىرى تۈزگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئېلىنىدىغان گازلارنى توشۇش ئۈچۈن مەخسۇس تۇرۇبا يولى قۇرۇش ھەققىدىمۇ پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنغان ئىدى.