جورج بۇشنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا مۇمكىن بولغان ۋەقە باشقا جايلاردىمۇ مۇمكىن

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۈگۈن 5 ‏ - ئاينىڭ 14 ‏ - كۈنى ئىسرائىلىيىگە كېلىپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، جورج بۇش بۈگۈن، بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىپ قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق سەپىرى ئارقىلىق، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، دېموكراتىك پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئىرۇسالىمدىن خەۋەر قىلىشىچە، جورج بۇش بۈگۈن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ رايوندا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە 'بۇ رايوندا مۇمكىن بولغان ھەر قانداق ۋەقە باشقا جايلاردىمۇ مۇمكىن بولىدۇ' دېگەن.