ئىسرائىلىيىنىڭ قاتناش - ترانسپورت مىنىستىرىنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرى جىددىي ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارىنىڭ بۇ خىل مەيدانىنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئىسرائىلىيىگە جايلاشقان "يەھۇدى خەۋەرلەر تورى" بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتان ۋىلنائى بىر ئاقىل سىياسىيوننىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتى ھەققىدىكى پىكىرلەردە سۈكۈتتە تۇرۇشى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئىشلارنى بۇ ئىشقا بىۋاستە ئالاقىدار ئورۇنلارغا قويۇۋېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
موفازنىڭ باياناتچىسى تايال سومەچمۇ يۇقىرىقى پىكىرلەرنىڭ پەقەت موفازنىڭ شەخسى كۆز قارىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئىران ھەققىدە ئېيتقان بايانلىرىغا قارىتا ئىران ھۆكۈمىتى جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئىران ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن بۇ ئىشقا دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى شائۇل موفازنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ باشلىقى موھامەد ئەل بارادېئىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئىران يادرو مەسىلىسىدە مۇھىم ئۆزگىرىش ياساش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۆز ئالدىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.