ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى مۇئەممەر گۇلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر قوراللىق ئادەم ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى قوغداۋاتقان تۈرك ساقچىلىرىغا بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 11 دە ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ NTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئىسپاتلىق بېرىشىچە، ئۈچ نەپەر قوراللىق ئادەم ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىدا پوستا تۇرغان تۈرك ساقچىلىرىغا ئوق چىقارغان.
تۈرك ساقچىلىرى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ بۇ 3 نەپەر قوراللىق ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان، بۇ قېتىمقى ئېتىشىش ۋەقەسىدە 3 تۈرك ساقچىسى ئوق تىگىپ ئۆلگەن، ئىككىسى يارىلانغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن تۈركىيىدە يەنە، ئاغرى ئۆلكىسىدىكى ئارارات تېغىغا كەلگەن 3 نەپەر گېرمان ساياھەتچىسىنى PKK كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پارتىزانلىرى گۆرۈگە ئېلىۋالغان بىر جىددىي ۋەقە يۈز بەردى.