تۈركىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە تۈركىيە شىركەتلىرىگە 1500 كۋادرات مېتىر ئورۇن ئاجرىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشاد تۈزمەن، خىتاي بازارلىرىغا كىرىشتە تۈركىيە سودىگەرلىرىنىڭ قورقۇمسىز بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.
تۇزمەن ئەپەندى يەنە تۈركىيە ماللىرىنىڭ چوقۇم خىتايدىكى ئىقتىسادى كىرىمى يۇقىرى كىشىلەرنى نىشان قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈركىيە ماللىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى 17 - يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىگە جايلاشقان كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.
بۇ يىللىق يەرمەنكىمۇ 1 - سېنتەبىردىن 5 - سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ يەرمەنكىگە خىتاي سودىگەرلىرىدىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن نىسبەتتە چەتئەل سودىگەرلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر كارخانىچىلارمۇ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ.