«پاكىستان ئىسلام ئۆمىكى» ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار ھاياتى» نى مەدھىيەلىدى

0:00 / 0:00

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پاكىستاندىكى ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەلەرگە تەۋە دىنى ئۆلىمالاردىن تەركىب تاپقان 10 كىشىلىك بىر ھەيئەت 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە خىتايغا بىر ھەپتىلىك ساياھەتكە بارغان. ئۇلار بېيجىڭ ۋە گۇاڭجۇنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.

پاكىستاندىكى «ئۇرىدۇ نۇقتىسى» (Urdupoint) گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەككە پاكىستان ئىسلام مەپكۇرە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوكتور قىبلە ئاياز يېتەكچىلىك قىلغان. ھەيئەت تەركىبىدە پاكىستان ئىسلام جامائىتى پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ئاسىف لوقمان قازى، مۇسۇلمانلار تەتقىقات ئورگىنىنىڭ رەئىسى سۇلتان ئەخمەت ئېلى قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر ئورۇن ئالغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆمەك خادىملىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان. يىغىندا ما شىڭرۇي «خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش» ساھەسىدە قانداق «ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كەلگەنلىكى» ، شۇنىڭدەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىغا يېتەكلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان دىنىي ئۆمەك ئەزالىرى خىتاينىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، شۇنداقلا «شىنجاڭدىكى ئىناق ۋە بەختىيار تۇرمۇش» ، «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى» قاتارلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىگە بولغان «قوللاش تۇيغۇسىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكى» نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى خەلقئارادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ تونۇلۇۋاتىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقاچان دىنىي ئەركىنلىك بولۇپ باقمىغان» دېدى.

پاكىستانلىق ھەيئەت بىلەن بولغان سۆھبەتتە ما شىڭرۇي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلەپ: «يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ‹مىللەت›، ‹دىن›، ‹كىشىلىك ھوقۇق› تېمىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇپ چىقارماقتا. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن.دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پاكىستاندا چىقىدىغان «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا پاكىستانلىق ھەيئەت «ئىسلام دۇنياسى بىلەن خىتاي بىرلىشىپ يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان. پاكىستان دىنى ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرى پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ رەئىسى ئۆمەرخاننىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

پاكىستانلىق دىنى ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى زىيارىتى ھەققىدە ئىستانبۇلدىكى «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلققە قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىش ۋە ھەقىقەتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان پاكىستان ھەيئىتىنى ئەيىبلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر ھەيئەتنىڭ ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى سىياسەتلىرىنى ھەققانىي قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان قىلمىشلىرىنى تەنقىدلەيمىز» .

فەيسبۇكتىكى مەزكۇر باياننىڭ ئاستىغا زىيائۇل ئىسلام نامدىكى بىر پاكىستانلىق ئىنكاس يېزىپ «ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەمما ‹جامائىتى ئىسلام› رەھبەرلىرى بۇنى دىققەتكە ئالدىمۇ؟ » دەپ سوئال سورىغان بولسىمۇ جاۋاب بېرىلمىگەن.