ئائىشە زەيدى: ئاخباراتچىلىق ئارزۇيۇم مېنى ئۇيغۇر داۋاسىغا باشلاپ كىردى
2021.04.30
ئامېرىكادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پاكىستانلىق قىز ئائىشە زەيدىنىڭ ئارزۇسى ژۇرنالىست بولۇش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلارغا سولاشتەك رەزىل قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كەلگەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق بىلگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلانىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرنى ئاڭلاتقاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ۋە نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
ئائىشە: بولىدۇ، مېنىڭ ئىسمىم ئائىشە زەيدى، مەن ھازىر ئوقۇۋاتىمەن ھەمدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، پۈتتۈرۈشكە ئاز قالدىم، ئارزۇيۇم ژۇرنالىست بولۇش.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئۇيغۇرلارنى قاچاندىن تارتىپ بىلىسىز؟
ئائىشە: 2016-، 2017-يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقا باشلىغانىدىم، شۇ چاغلاردا مەن تور يۈزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرەتتىم، لېكىن بۇ خەۋەرلەر بىر مەزگىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز يوقاپ كېتەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە ئايغىچە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ھېچنېمە ئاڭلىيالمايتتىم.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئىنكاسىڭىز قانداق بولدى؟
ئائىشە: بەك چۆچۈپ كەتتىم ۋە بۇ ئىشلارنىڭ ھازىر بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتسىمۇ ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمىغىنىغا بەك ئۈمىدسىزلەندىم.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: سىز Instagram دا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىلىق قىسقا سىنلارنى ئىشلەپ تارقىتىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇشقا تىرىشىۋېتىپسىز. يەنە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا سۆزلەپسىز. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇ سىنلارنى ئىشلەشكە نېمە تۈرتكە بولدى؟
ئائىشە: ئاساسلىق سەۋەب پەقەت مېنىڭ ئاخباراتچىلىقنى ئۈگىنىۋاتقانلىقىم ۋە بۇ ساھەگە كىرىشكە باشلىغىنىمدىن شۇنداقلا بىر قىسىم ئاساسلىق مېدىيالارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىمدىن بولدى. ئۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى ۋە سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى، يا بۇ ياقتا تۇرۇش يا ئۇ ياقتا تۇرۇشتەك تەرەپبازلىقلىرىنى كۆردۈم. ھەقىقەتتىن چەتنىگەن يالغان-ياۋىداق نۇرغۇن خەۋەر ماقالىلىرىنى ئوقۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاخباراتچىلىقنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ئەلۋەتتە، ھازىرقى شارائىتتا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى يۈز بېرىۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشكە باشلىدىم، ئاخباراتچىلىق ئارزۇيۇم مېنى بۇ ئىشقا باشلاپ كىردى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: بۇ سىنلارنى يوللىغاندىن كېيىن Instagram دىكى ئەگەشكۈچىلىرىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە ئائىلە دوستلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟ ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟
ئائىشە: مەن Instagram دىكى كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتىم. بۇ يەردە نۇرغۇن تەشكىلاتلار بار ئىكەن. ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىمدىن، ئۇلارنىڭ مېنى ئىلھاملاندۇرغانلىقىدىن خۇشال بولدۇم. مەن بۇنداق ياخشى پىكىرلەرگە ئېرىشىمەن دەپ كۈتمىگەن ئىدىم. كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتىدىغىنى شۇ بولدىكى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەرنىڭ چىققانلىقى. بۇنداق ۋەقەلەرنى داۋاملىق تەپسىلاتى بىلەن قوشۇپ ئاڭلىتىپ تۇرغاندا ئاندىن بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شۇڭا مەن ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم. مەن بۇنداق ياخشى ئىنكاسقا ئېرىشىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن. مەن كىشىلەرنى «ئۇ نېمىشقا بۇ ئىشنى قىلىدۇ؟ نېمىشقا بۇ توغرىدا سۆزلەيدۇ؟» دەۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئەمما، نېمىشقا سۆزلىسەم بولمىغۇدەك ؟! مەنىسىز تىياتىرلارنى، رېئاللىققا ھېچ بىر ئۇيغۇن كەلمەس درامالارنى سۆزلەشكە ۋاقتىڭىز يەتكەن يەردە، نېمىشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلىيەلمەيسىز؟ بۇ ھازىرقى ئىنسانلار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار! ھەقىقىي ئىنسانلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. خەۋەر دېگەن شۇنداق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، مانا بۇنى خەۋەر دەيمىز.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئۇيغۇر خەلقى تەرەپتە تۇرۇپ سۆز قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلمىدىڭىزمۇ؟
ئائىشە: ياق، مەن ئۇلاردىن قەتئىي قورقمايمەن. گەرچە خىتايلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغانلىكى كىشىلەرنى جىمىقتۇرۇشقا تىرىشسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىنى توسۇشمۇ بىزنىڭ يەنە بىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز. ئۇلارنىڭ بارلىق يالغان-ياۋىداق ئۇچۇرلار بىلەن پەردازلانغان ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىشىمىز، ھەقىقەتنىڭ نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: خەلقئارا جەمئىيەتلەر ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەسئۇل قىلىش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى كۆردىڭىز؟
ئائىشە: مەن كۆپ ھەرىكەتلەرنى كۆرمىدىم. ئۆتكەنكى بىر يىلدا ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلاپ مەمنۇن بولدۇم. بىراق مېنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىم بۇلا ئەمەس، بارلىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىشى، بولۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا بۇنداق بىر ئېغىر كۈنلەر كېلىۋاتقاندا بۇ بەكمۇ مۇھىم ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ پەقەتلا دىنى مەسىلە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسى، بۇ دۇنيادا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان كىشىلىك ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە سۆزلەش مەسىلىسى. شۇڭا مەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشىنى كۆرۈشنى بەكمۇ خالايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ناھايىتى سىستېمىلىق ھالدا ھەممەيلەننى ئۆزىگە باغلاپ، ھەممەيلەننى ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ ھېچ بولمىغاندا بىرەيلەننىڭ گەرچە دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولمىسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇققا چېتىشلىق بىرەر ئادەمنىڭ بولسىمۇ بۇ ھەقتە سۆزلىگىنىنى كۆرۈشنى تېخىمۇ خالايمەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ھۆكۈمەتلەر نېمە قىلىشى كېرەك ھەمدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرەر تەدبىر قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز لازىم؟
ئائىشە: مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش كېرەك. خىتايدىن كەلتۈرۈلۈۋاتقان مەھسۇلاتلار، كىيىم-كېچەكلەر ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلالىساق، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە شارائىتىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرەلەيمىز ۋە بۇ ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن سۆزلەۋاتقىنىڭزغا قانچە ئۇزۇن بولدى؟
ئائىشە: مەن ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ سۆزلەۋاتىمەن، ئۇزۇن بولمىدى. مېنىڭ بۇ سەۋىيەگە يېتىشىم ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت كەتتى. يەنى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ۋە بۇ توغرىلىق سۆزلىشىم ئۈچۈن. مەن سۆزلەشنى باشلىغاندىن كېيىن، مېنى ھېچنېمە توسۇپ قالالمىدى. شۇنداقلا، مەن كېچە-كۈندۈز مەسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىپ چۈشەنگەندىن كىيىن ئۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردىم.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ھازىرغىچە قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ پائالىيەتلىرىڭىزدىن قانداق نەتىجىلەرنى كۈتىسىز؟
ئائىشە: مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىنى كۆرمىدىم، ئەمما ھەممىمىزنىڭ ئورتاق سۆزلەۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى ھېس قىلىمەن. ھەممە تەشكىلاتلارنىڭ … ھازىر مەن ھېچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئەمەس، تەشكىلاتلار مېنى ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىمۇ يېتەرلىك، ھەمدە ئۆزلىرىمۇ قالتىس خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. شۇڭلاشقا مەن بەزى ئىشلارنى ئۆزۈم ئايرىم قىلىشنى قارار قىلدىم. مەن ئايرىم قىلغان ئىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرمىدىم، ئەمما ئۆتكەنكى بىر يىلدىكى ئىشلىرىمدا كۆرگەن ئىلگىرىلەشلىرىم ناھايىتى ياخشى. كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى، دۆلەتلەر ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىچكى ئەزالارنى ئوغرىلاپ سېتىش، ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان تەرەپلىرىمۇ يورۇتۇپ بېرىلدى. بۇ ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرۈش مېنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلدى. مانا بۇ مېنىڭ بىردىنبىر نىشانىم ئىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: بۇلاردىن باشقا سىز يەنە نېمە قىلالايسىز؟ ھەمدە سىزنىڭچە سىزگە ئوخشاش پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىيالامدۇ؟
ئائىشە: دۇنيا ئەھلىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە تاراتقۇلار ۋە نۇرغۇن ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى چىقارمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. ھازىر ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىمىز بار بولدى، شۇڭا ئەمدى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز لازىم. كۈندە دېگۈدەك توختىماي ئاز-ئازدىن ئۇچۇر تارقىتىپ تۇرساق، كىشىلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆرىدىغىنى كۆپىيىدۇ-دە، بارا-بارا تەسىر پەيدا قىلالايدۇ. شۇڭا بۇنداق قىلىشنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە ياكى خىتايلارنى توسۇش جەھەتتە مۇناسىۋىتى زور دەپ قارايمەن. ھەممەيلەننىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇپ بۇ ئىشلارغا خاتىمە بېرىشىنى كۆرۈشنى خالايمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى مەن ئارزۇ قىلغىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆرىمەن. چۈنكى مەن نۇرغۇن سىياسىي پائالىيەتلەردە بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلەۋاتقان ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ۋە كىشىلەرنى كۆردۈم. ھەممەيلەننىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئىنتايىن ئىشەنچ بىلەن قاراپ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇنى توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمەن.