يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2023.01.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز شېئىرىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە دوكتور پەرھات تۇرسۇن.
Photo: RFA

مودېرنىست شائىر ۋە يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى بىرقانچە يىلدىن بېرى خەلقئاارا ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى شىۋىىتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ سۈرگۈندىكى ياكى تۈرمىدىكى يازغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تۇخولىسكى مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تۇتقۇندىكى يازغۇچى-شائىرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، پەرھات تۇرسۇننىڭ ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مودېرنىست شائىر ۋە يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئەدەبىي تالانتى، ئۆزگىچە پىكىرلىرى ۋە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدەك سىياسىي قىسمىتى بىلەن خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى، شائىرنىڭ جازا مۇددىتى، جازا ئۆتەۋاتقان لاگېرى ۋە نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق ئۇنىڭغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتتىن سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. بىز 2017‏-يىلدىن بۇيان شائىر پەرھات تۇرسۇنننڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئاممىۋىي سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلاردىن كۆپ قېتىملاپ مەلۇم سورىغان بولساقمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى دائىرىلەر ئادىتى بويىچە بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەي كەلگەن ئىدى.

ئەڭ يېقىنقى بىر تېلېفون زىيارىتىمىزدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدراىسىنىڭ بىر خادىمى پەرھات تۇرسۇننىڭ 16 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ شائىرنىڭ نېمە «جىنايەت» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، ئەيىبلىنىشىدە قايسى ئەسەرلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

شائىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپتە خەۋەر بەرگەن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شائىر ئەسەرلىرىدە مەدەنىيەت جەھەتتە زامانىۋىيلىق، دۇنياۋىيلىق ۋە مىللىيلىكنى تەڭ تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە قىسمىتى خەلقئاراغا نىسبەتەن بالدۇر ۋە تونۇلغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يەنە ئالاھىدە ئەسكەرتىشىچە، ئۇ زامانىۋيلىقنى ئىلگىرى سۈرگۈندە خۇراپاتالىققا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ئەڭ گەۋدىلىكى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرغان. مۇشۇ سەۋەبتىن شائىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئەڭ باشتا تۇتۇلغان ئۇيغۇر سەركىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى مەزكۇر ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمىمۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ 2017 ‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«چوڭ شەھەر» (ئىنگىلىز تىلىغا «ئارقا كوچا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان)، «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى»، «مەسىھ چۆلى» قاتارلىق رومان-پوۋېستلارنى يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرى قاتارىدا تىلغا ئالغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۇنىڭنىڭ «تارىم دەرياسى» ناملىق شىئىرىنىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ سۆيۈلگەن شىئىرلار قاتارىدا ئەسلەپ ئۆتتتى:

تارىم دەرياسى

خۇددى تارىم سۈيىدەك،

بىز مۇشۇ يەردە باشلانغان،

مۇشۇ يەردە تۈگەيمىز.

بىز ھېچ يەردىن كەلمىگەن،

ھېچ يەرگە بارمايمىز.

ئەگەر خۇدا ياراتقان بولسا ئىنساننى.

بىزنى خۇدا مۇشۇ يەرگە ياراتقان.

ئەگەر ئادەم ئۆزگەرگەن بولسا مايمۇندىن،

بىز ئۆزگەرگەن مۇشۇ يەرلىك مايمۇندىن.

. . .

تەسمۇ ئەجەبا ھاياتلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش،

نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى جەسەتلەردىنمۇ،

ئىزدىسەك بىزنىڭ كېلىپ چىقىشىمىزنى.

تېرىمىزنىڭ رەڭگىنى ئىزدە تەكلىماكان بارخانلىرىدىن،

قېنىمىزنىڭ تەركىبىنى ئىزدە تارىم سۈيىدىن،

خۇددى تارىم سۈيىدەك،

بىز مۇشۇ يەردە باشلانغان، مۇشۇ يەردە تۈگەيمىز.

يۇقۇرىدا شائىر پەرھات تۇرسۇننىڭ ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.