پراگادا ئېچىلىۋاتقان «مۇنبەر 2000» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.10.17
praga-uyghur-mesilisi.jpg چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 27-قېتىملىق «مۇنبەر 2000» يىغىنىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ۋە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى پىتىر پاۋىل(Petr Pavel) بىلەن. 2023-يىلى 15-ئۆكتەبىر.
Dolqun Eysa

چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 27-قېتىملىق «مۇنبەر 2000» يىغىنى «دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن» دېگەن تېما بويىچە داۋام قىلماقتا. مەزكۇر يىغىن 15-ئۆكتەبىر باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن دېموكراتچىلار قانداق قىلىپ دېموكراتىك سىستېما ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر «مۇنبەر» دە غەربىي بالقان تۈرىنى يولغا قويۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ تۈر بويىچە غەربىي بالقان دۆلەتلىرى (ئالبانىيە، بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا، كوسوۋو، قاراتاغ، شىمالىي ماكېدونىيە، سېربىيە) نىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىش مەقسەت قىلىنغان. «مۇنبەر» دە يەنە غەربىي بالقان دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار مەنپەئەتدارلار ۋە قارار چىقارغۇچىلارنى بىر-بىرىگە باغلاش ئارقىلىق، دېموكراتىيە ئۈچۈن قەيسەرلىك كۆرسەتكەن ئورگان ۋە پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىمۇ قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى رادىيومىزنڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر «مۇنبەر» ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئۇلار يىغىن جەريانىدا چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى پىتىر پاۋىل ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى پىتىر پاۋىل بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» (IPAC) نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى بۇ يىل 1-سېنتەبىر كۈنى پىراگادا ئېچىلغان ۋە چېخىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقانىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «مۇنبەر» نىڭ 16-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى «ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش سەرگۈزەشتلىرىنى ئورتاقلىشىش» يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ 1988-يىلى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان ھازىرغىچە توختىمىغان كۈرەش ھاياتىنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشقان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بەش-ئالتە يىللىق قىسقا سىياسەت بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك سىستېمىلىق ئىرقىي يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ يىغىن 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش قارا نىيىتى ۋە ئىستىراتېگىيەلىرى ھەققىدە توختىلىدىكەن.

«مۇنبەر 2000» يىغىنى 1996-يىلى چېخ پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېل، ياپونىيەلىك ساخاۋەتچى يۆخېي ساساكاۋا ۋە «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى ئېللى ۋېسېلنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.