فرانسىيە پۇتبول چولپىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختاتقان

0:00 / 0:00

2017-يىلدىن باشلاپ خۇۋاىي شىركىتىنىڭ فىرانسىيەدىكى ماركا ئەلچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان ئاڭتۇەن گىرېزمان، بۇ يىل 10-دىكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە خۇۋاىي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ئىنستېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان قىسقا باياناتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خۇۋاىي شىركىتى يۈز تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق مەخسۇس ‹ئۇيغۇر سىگنالى› نى ئىشلىتىشكە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن مەزكۇر شىركەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقمنى بىكار قىلغانلىقىمنى جاكارلايمەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «مەن خۇۋاىي شىركىتىنىڭ بۇ ئەيبلەشلەردىن تېنىۋالماسلىققا، باستۇرۇشلارغا ياردەم قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا، تەسىر دائىرىسىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىمەن.»

ئەركىن ياۋورپا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇاۋېي بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ۋە ئاڭتۇەن گىرېزماننىڭ قارارىدىن «قايغۇرغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، CNBC تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 9-دىكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ۋە ساقچىلارنى ئاگاھلاندۇرالايدىغان يۇمشاق دېتالنى سىناق قىلغانلىقى، ھەتتا سىناقنىڭ يەنە بىر تۈرى مەخسۇس «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇشى» ناملىق ئىقتىدار بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ «يۈز ئانالىزى» ئارقىلىق «مىللەت» نى ئايرىيالايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

29 ياشلىق داڭلىق پۇتبولچىنىڭ مىليون دوللارلىق ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن ۋازكېچىپ، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە كۆرسەتكەن بۇ ئالىيجاناپ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

ئەمەلىيەتتە ئاڭتۇەن گىرېزماننىڭ بۇ قارارىنى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ ئەزاسى، فىرانسىيەلىك رافائىل گىلۇكىسمەن، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى دىلنۇر رەيھان ۋە رافائىل گىلۇكىسمەننىڭ ياردەمچىسى پىيەخ بۈسسىيەخ قاتارلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلىپ بېرىلغان بېسىمنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

فىرانسىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۈنۈم ياراتقان بۇ گورۇپپا، ئاڭتۇەن گىرېزمانگە ئىنىستېگرامدىن مۇنداق دەپ ئوچۇق خەت يازغان: «ھۆرمەتلىك ئاڭتۇەن گىرېزمان، خۇاۋېي شركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە شېرىك. سىزدەك بىر شەخس بۇنداق ماركىنىڭ يۈزى بولسا بولمايدۇ.» ئۇلار توختىماي «خۇاۋېينى قوللىغانلىق-مىڭلىغان ئىنسانلارنى تۇتۇپ قىيىن-قىستاققا ئېلىشقا ئاكتىپ ياردەم قېلغانلىق» دەپ تەشۋېق قىلغان.

دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى: «فىرانسىيەدە خەلق قوزغالدى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەر ساھەدە خېلى دىققەت قوزغىماقتا، سەنئەتكارلار، تەنھەرىكەتچىلەر بىزنىڭ ‹ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە بولۇش› شۇئارىمىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ.»

رافائىل گىلۇكىسمەننىڭ ياردەمچىسى ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى پائالىيەتلەرنىڭ تەشكىللىگۈچىسى پىيەخ بۈسسىيەخ ئېلىكترونلۇق خەت ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىنىستېگرام ئارقىلىق داڭلىق شەخس ۋە ماركىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ پائالىيەت ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى› دىن نەپ ئالىدىغان ماركىلارغا قارىتىلغان. بىزنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ۋە ئىستېمالچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى بىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ مەھسۇلى› بولۇشىنى رەت قىلىش ھوقۇقىمىز بار. يېقىندا جامائەت پىكىرى ۋە پۇقرالارنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، ھەتتا بەزى داڭلىق ماركىلار ئاشكارا ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان تەمىنلىگۈچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزدى.»

ئۇ يەنە سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «ئاڭتۇەن گىرېزماننىڭ خۇاۋېي بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. بىز ئۇنىڭ خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئېلانلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تارتىپ پارىژ مېتروسىغىچە ھەر يەردە كۆرەلەيمىز. ئالدىنقى ھەپتە ‹ۋاشىنگتون پوچتىسى› گېزىتى خۇاۋېينىڭ ساقچىغا ‹ئۇيغۇر سىگنالى› نى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل يۇمشاق دېتالىنى سىناق قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بىز ئاڭتۇەن گىرېزمانغا ‹ئۇيغۇرلار خەۋىرى› سەھىپىمىز ئارقىلىق ئوچۇق خەت يوللاپ، بۇ ھەقتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تىلغا ئالدۇق ۋە ئۇنىڭدىن فرانسىيە پۇقراسى ۋە فرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق پۇتبول ماھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەمكارلىقتىن چېكىنىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدۇق. بىز يەنە بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى بۇ شىركەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئاخىرلاشتۇرغان ناخشىچى زارا لارسوننى مىسال قىلدۇق. ‹ئۇيغۇرلار خەۋىرى› سەھىپىمىزنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك ئاڭتۇەنگە خەت يازدى، ئۇنىڭ ئاكىسى ناھايىتى تېزلا جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن گىرىزمان ھەممىمىز كۆرگەن ئاشۇ باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خۇاۋېي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.»

29 ياشلىق ئاڭتۇەن گىرېزمان ھەقىقەتەنمۇ فىرانسىيەدە ھەم دۇنيادا داڭق قازانغان پۇتبولچى بولۇپ، فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2016-يىللىق ياۋروپا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان. 2018-يىلى روسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى بارسېلونا كۇلۇبىغا قوشۇلغان بولۇپ، 2021-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلۇقىنى تالىشىشى مۇسابىقىسىدە فىرانىسىيە كوماندىسىدا يەر ئېلىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

ئاڭتۇەن گىرېزمان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى مەيدانىنى بىلدۈرگەن تۇنجى خەلقئارالىق پۇتبول چولپىنى ئەمەس.

دۇنياغا داڭلىق «ئارسېنال» كۇلۇبىنىڭ پۇتبولچىسى مەسۇت ئۆزىلمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 13‏-دېكابىر كۈنى تىۋېتتېر، فېيسبۇك، ئىنستېگرام قاتارلىق تاراتقۇلاردا پىكىر يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

تۈركىيەدىكى داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن بىرى بولغان «گالاتا ساراي» پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئالجىرىيەلىك سوفيان فېگۇلى 17-ئىيۇن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا خەشتەگ بىلەن ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەنھەرىكەتچىلەردىن باشقا يەنە پىيەخ بۈسسىيەخ مىسالغا ئالغاندەك، غەرب دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە ناخشىلىرى بىلەن مۇئەييەن تەسىر قوزغاۋاتقان شىۋېتسىيەلىك ناخشىچى زارا لارسون 4-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ: «خىتاي مەن ئويلىغاندەك ياخشى مەملىكەت ئەمەس ئىكەن،» دېگەنىدى.

13-دىكابىر دوھا خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، داڭلىق تەنتەربىيە تاراتقۇلىرىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە قاتارنىڭ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى شۇنداقلا خۇاۋېي ماركىسىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى مۇھەممەد سائادون ئەل-كۇۋارى خۇاۋېيدىن ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش سىسىتېمىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شىركەت تەرەپ ئۇنىڭ تەلىپىگە يەكشەنبە كۈنىگىچە يازما بايانات بىلەن جاۋاب بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.

ئەل-كۇۋارى ئۆزىنىڭ بۇ مەيدانىنى فرانسىيەلىك پۇتبول چولپىنى ئاڭتۇەن گىرېزمان ئوبراز ئەلچىسى بولغان خۇۋاىي بىلەن توختامنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن بىلدۈرگەن.

دىلنۇر رەيھان خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بىرى تىنىم تاپماي تىرىشىپ، ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى فىرانىسىيەدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرگە ئايلاندۇردى. ئۇ سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتتى، دۇنيا ئاساسەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلدى. بولۇپمۇ فىرانسىيەدە ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسى فىرانسىيەنىڭ سىياسى مەسىلىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان سەپداشلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى، كوللېكتىپنىڭ كۈچى.»