شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «ئالتۇن كەش» رومانى سەۋەبلىك تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.11.06
chimengul_awut.jpg شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت خانىم.
azizisa.org

بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ھاياتىغا خەۋپ يەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. قەشقەرنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى بىر ئالاقىدار خادىم، چىمەنگۈلنىڭ 2015-يىلى تەھرىرلىگەن، يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل تەرىپىدىن يېزىلغان «ئالتۇن كەش» ناملىق رومان سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىر رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان جەمئىي 14 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇلاردىن بەش نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى، تۇتقۇنلار ئارىسىدا تونۇلغان شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭمۇ بارلىقىنى مەلۇم قىلدى.  1973-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، 1996-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ دوڭخۇ (شەرق كۆلى) ساقچىخانىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە چىمەنگۈلنىڭ شۇ ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقى مەلۇم بولدى. ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا قەشقەردە قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر نۆۋەتچى خادىم، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بۇ يىل 7-ئاي ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ لاگېردا ھاياتىغا خەۋپ يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئالاقىدار خادىم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، چىمەنگۈل ئاۋۇت ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنىڭ تېخى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا يەنە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولمىدى، ئەمما نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشتى: بۇ خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل يازغان «ئالتۇن كەش» ناملىق رومان ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئەڭ خەتەرلىك كىتابلار» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن؛ ئالدىنقى يىلى يىغىۋېلىنغان بۇ كىتاب شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەزىز ئىسا ئەلكۈننىڭ تور بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چىمەنگۈل ئاۋۇت «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن نام قازانغان. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى» دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىب» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2008-يىلى 11-ئايدا خىتاي مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك  «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.