ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى «قارا قول» ئىسخېملاشتۇرۇلدى
2023.08.10

ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى (URM) تەتقىقات گورۇپپىسى ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا رول ئوينىغان ئورگانلار ھەققىدە تەييارلىغان يېڭى بىر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
«ئۇيغۇر رايونىدا مېڭە يۇيۇش ھوقۇقى بېرىلگەن ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشتا رول ئوينغان ئورگانلار» (Authorized to “Wash Clean the Brains”-Agencies at Play Amid Mass Detention of Millions in the Uyghur Region) سەرلەۋھىلىك دوكلات ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىسخېمىلاشتۇرۇلغان شەكىلدە تەپىلسىي بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسمىدا، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمە-لاگېرلارغا قاماشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ئىسخېما ئارقىلىق ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى (URM) گۇرۇپپىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر زىيالىي يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر دوكلات ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوكلات مەزكۇر تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ ئىككىنچى دوكلاتى بولۇپ، بىرىنچى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچلىقى تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە بۇ جىنايەتنى يۈرگۈزۈۋاتقان مۇھىم شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. بۇ يېڭى دوكلاتىدا بولسا، ئىرقى قىرغىنچلىقنىڭ ئىپادىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسەتلەر، مىخانىزىملار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر دوكلات خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلان قىلغان تەتقىقاتلىرى، دوكلاتلىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسلىنىپ تەييارلانغان.
يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ھەر خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە، مۇشۇ خىل دوكلاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ يالغانچلىقىغا رەددىيە بېرىشنىڭ مۇھىملىقنى تەكىتلىدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنىچلىقى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورگانلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەر خىل تېمىدا تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇيغۇر تەتقىقات گورۇپپىلىرىمۇ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچلىقى ھەققىدە خەلقئارا سەۋىيەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقات ئورگانلىرى قاتارىدا گەۋدىلىك رول ئوينىماقتا.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل دوكلاتلار تارىخنى خاتىرىلەپ ماڭغان بولىدۇ. ئەگەر بۇ تارىخ، يەنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بۇ ئىسپاتلار يېزىلمىسا، كەلگۈسىدە مۇشۇ قىرغىنچلىقتىنمۇ ھېچقانداق ئىز قالمايدۇ.»
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچلىقىغا ئائىت تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇر تەتقىقات گورۇپپلىرىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.