تاشكەنتتە جامائەت ئەربابى يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-12-14
Share
تاشكەنتتە جامائەت ئەربابى يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف ۋاپات بولدى جامائەت ئەربابى يارمۇھەممەت ئابدۇجاپپار ئوغلى ئابدۇساتتاروف ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى ئۆزبېكىستان.
RFA/Oyghan

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-دېكابىردا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە جامائەت ئەربابى، ئەينى چاغلاردا ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇشقا ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان يارمۇھەممەت ئابدۇجاپپار ئوغلى ئابدۇساتتاروف 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن ئۆزبېكىستاندىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ئانا تىلىنى ساقلاش، مىللىي ئەنئەنىلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، بىلىم، مەتبۇئات، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەرنى جانلاندۇرۇش ئوخشاش ئىشلارنى ئېلىپ بارغانىكەن. 1989-يىلى بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى خېلەم خۇدايبەردىيېف ۋە يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروفلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلغانىدى. يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف-2008-2004-يىللىرى تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بولۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

جامائەت ئەربابى يارمۇھەممەت ئابدۇجاپپار ئوغلى ئابدۇساتتاروف ئەپەندى (2-قاتاردا سولدىن ئۈچىنچى) مەدەنىيەت مەركىزى ئەزالىرى بىلەن. 2011-يىلى تاشكەنت، ئۆزبېكىستان.

بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشكىلىي ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلاشقان يەنە بىر زىيالىي، تەبىئىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابدۇلجان بەرايېف بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىندا تاشكەنت جامائەتچىلىكى ئېغىر مۇسىبەتكە ئۇچرىدى، سەۋەبى بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئاكىمىز ۋاپات بولدى. بىز قاتتىق قايغۇردۇق. ئۇ كىشى جامائەتچىلىكنىڭ جىق ئىشلىرىغا ئارىلىشاتتى. ئۇ سودا مەركىزىدە سېتىقچى، چوڭ سېتىقچى، ئاندىن بۆلۈم باشلىقى بولدى. يارمۇھەممەت ئاكا تىرىشچان، ھەقىقەتەن ئالغا ئىنتىلىپ ياشىغان كىشى. يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ شائىر ئادەم. بىر قانچە كىتابلارنى يازدى. ئۇ 2004-يىلى تاشكەنت شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، شۇنىڭ رەئىسى بولدى. 1999-يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولدى. كېيىنكى پەيتلەردە سالامەتلىكى بولمىدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف 1936-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1953-يىلى ئۇ شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1957-يىلى باشقىلار قاتارىدا يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروفمۇ ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭغا «ئەشەددىي ئوڭچى، مىللەتچى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلگەنىدى. ئۇ ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى كوممۇنىلارنىڭ بىرىگە ئەۋەتىلىپ، كۈچەيتىلگەن تۈزۈم ئاستىدا جىسمانىي ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدۇ. تۆت يىلغا سوزۇلغان ئازابلار نەتىجىسىدە ئۇ سالامەتلىكىدىن ئايرىلغان ئىدى. يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف غۇلجاغا قايتىپ كېلىپ، 1962-يىلى 29-ماي كۈنى كېلىپ چىققان غۇلجا ۋەقەسىدە يەنە تۆھمەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، بىر يىل داۋامىدا قىيىن-قىستاق قىلىنغان. كېيىن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، تاشكەنت ۋىلايىتىگە قاراشلىق قىبرەي ناھىيەسىنىڭ دورمان يېزىسىغا ئورۇنلاشقان.

ھازىر تاشكەنت شەھىرىدە ياشايدىغان مەھەللە رەئىسى نىجات نىيازوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياررمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرىدە كۆزگە چۈشكەن تالانتلىق ئادەم بولغانىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەشرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تەشكىل قىلدى. مەشرەپتىكى ھەممە ئۆرپ-ئادەتلەرنى، قانۇن-قائىدىلەرنى بىزگە ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ ھەم ژۇرنالىست، ھەم يازغۇچى ئىدى. ئۇيغۇر خەلقىگە كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدى. ئۆزبېكىستاندا ئابرۇيى چوڭ ئىدى. گېزىت ۋە ژۇرناللارغا ماقالىلەر بېرىپ تۇراتتى. قازاقىستاندىكى ھەممە گېزىتلەرگە بەرگەن. سەنئەتكە ياخشى قىزىقاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سەنئەت ئانسامبىللىرىنى تەشكىل قىلىشتا ئۇلارغا كۆپ ياردەم بەرگەن.»

نىجات نىيازوف يەنە يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروفنىڭ قازاقىستانغا سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا، ھەتتا بىر نەچچە قېتىم مىللىي ئانسامبىللارغا ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇلارنى ساز ئەسۋابلىرى ۋە مىللىي كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنىمۇ ئۆز ھۆددىسىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىجات نىيازوف يەنە مۇنداق دېدى: «ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىزى بار. بالىلىرى ھەممىسى خەلق خىزمىتىدە. ئۇيغۇر دېسە جېنىنى بېرىدۇ. ھەممە بالىلىرى ئالىي مەلۇماتلىق. ئاتىسى ئورنىنى بېسىپ، بالىلىرىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ، قولىدىن كەلگەن ياردىمىنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلۇقىنى ھەمىشە تەن ئالىدۇ. ئايالىمۇ بىللە ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر تىرىك.»

يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف 1964-يىلى تاشكەنت شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ، تراكتور زاۋۇتىدا، ئاندىن چىلانزار يىرىك سودا مەركىزىدە ئاددىي ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1970-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا بۆلۈمىنى تاماملىغان. يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف زامان ئۆزگىرىپ، ئۇزۇن يىللار تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنكى يىللاردا ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇش ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلاشقان ھەم ئۆزىمۇ رەھبەرلىك لاۋازىملاردا خىزمەت قىلغان. ئۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇنىڭ شېئىر ۋە ھېكايىلىرى «ئەڭ ئەزىز ئۇستاز»، «ئۆتتى ئۆمرۈم ئادەملەر بىلەن»، «دوستلارسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم» قاتارلىق كىتابلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت