قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتارلىلار گۇۋاھلىق بېرىپ، بېلگىيە دائىرىلىرىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى
2021.05.19
بېلگىيەدىكى مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يېغىنىنى ئەسلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەردە بۇ خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى پەرەز قىلىنغان ئىدى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گوللاندىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر قىسىم سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا پارتىيەلەرنىڭ كۈچلۈك رەددىيەسىگە ئۇچرىغان. 5 سائەت داۋاملاشقان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، ھەر قايسى پارتىيە ۋەكىللىرى قەلبىنۇر سىدىق خانىمغا رەھمەت ئېيتقان ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كورونا ۋىرۇس سەۋەبلىك كۆپىنچە پارلامېنت ئەزالىرى تور ئارقىلىق يىغىنغا قاتقاشقان.
قەلبىنۇر سىدىق خانىم بېلگىيە پارلامېنتىدا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا ئۆزىنىڭ جازا لاگېرىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى، شۇنداقلا لاگېردا ئۆزى مەجبۇرلانغان بىر قىسىم تەپسىلاتلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
بۇ يېغىنغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېلگىيەدىكى ۋەكىلى كونسىتوپ ئەپەندى ۋە بېريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋەنىسسا فىجاڭگىۋىل خانىم قاتارلىقلار قاتناشقان بۇلۇپ، ئۇلارمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، پىكىر بايان قىلغان. ئۇلار سۆزىدە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى دەلىل-پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان.
بۇ ھەقتە رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلار ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
بىز يەنە بۇ پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندىدىن گۇۋاھلىق يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قكىلدۇق. ئۇ بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، قەلبىنۇر سىدىق خانىم بەرگەن گۇۋاھلىقنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە قەلبىنۇر سىدىق خانىمغا، بىر نەچچە ئايدىن بېرى بۈگۈنكى يىغىنغا ھەرقايسى تەرەپتىن تەييارلىق قىلغان تەشكىلات ئەزالىرىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېلگىيەدىكى ۋەكىلى كونستوپ ئەپەندىگە، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن ھەرقايسى پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرىگە، شەرقى ئاسىيا تەتقىقاتچىسى ۋەنىسسا خانىمغا، شۇنداقلا يەھۇدى ۋە يەرلىك ئۇقۇغۇچىلار گۇرۇپلىرىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېلگىيەدە مەلۇم ساندا ئۇيغۇر جامائىتى ياشاۋاتقان ھەمدە بېلگىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بېلگىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بىر قارار ئېلىنمىغان ئىدى.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات مېدىيا ياردەمچىسى ئەسما گۈن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇنداق شارائىتتا بېلگىيە پارلامېتنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنداق بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى، كەلگۈسىدە بېلگىيە پارلامېنتىنىڭمۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر قارارنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا، كانادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، گوللاندىيەمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش قارارنى بەردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيەدە ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە چېكىۋاتقان ئازاب-ئوقىبەتلىرىنى، تېخىمۇ چۈشەنگەندەك بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن بېلگىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىشلار بىر قەدەر تېزرەك بولۇشى مۇمكىن.»
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان ئىدى.