قەلبىنۇر سىدىق: ئىككى نەپەر ۋىجدانلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ قىسمىتى يۈرىكىمنى ئازابلايدۇ
2020.10.09
«بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يەنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچى بولغىنىغا 30 يىل تولغان بولىدۇ» دەيدۇ قەلبىنۇر سىدىق خانىم. ئۇ لاگېرغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن 28 يىل خىزمەت قىلغان 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمى ئازلاپ كەتكەن، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ بارغانچە ئازلىغان. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن يېرىم قىلىدىغىنى، خىزمەتداشلىرىدىن ئىككى نەپەر ۋىجدانلىق تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق قىسمىتى. ئۇلارنىڭ بىرى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى يوق يەنە بىرى بولسا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
قوش تىل مەكتەپكە ئۆزگەرگەندىن كېيىن 76 نەپەر ئۇيغۇر مۇئەللىمدىن ئاران 16 سى قالغان
قەلبىنۇر سىدىق ئۆزى 28 يىل خىزمەت قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 24-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قوش تىللىق مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلمەستىكى چاغلىرىنى خۇددى بىر چوڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئوخشىتىدۇ. «مەكتىپىمىز پۈتۈنلەي مىللىي مەكتەپ ئىدى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەممىمىز، ئۆزىمىزلا بولغاچقا بەكمۇ ئازادە ئاجايىپ خۇشال چاغلار ئىكەندۇق، ئوقۇغۇچىلار بالىلىرىمىزغا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزئارا قېرىنداشلارغا ئوخشايتتۇق. قاچانىكى 2004-يىلىدىن باشلاپ خىتاي مەكتەپ بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، خۇددى قاباھەتلىك چۈشتەك مەكتىپىمىزدە ئاسمان زېمىن ئۆزگىرىشلەر بولدى» دەيدۇ قەلبىنۇر.
قەلبىنۇر خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىدىن باشقا، مەكتەپتىكى ئارخىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانىكەن. شۇڭا ئۇ «مەكتەپنىڭ سانلىق ئىستاتېستىكا مەلۇماتلىرىنى يادا بىلەتتىم» دەيدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە 2004-يىلى بۇ مەكتەپتە جەمئىي 76 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بولۇپ مەكتەپنىڭ مۇدىر قاتارلىق مەمۇرىيىتىدىكىلەرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. خىتاي مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ 2018-يىلى قەلبىنۇر پېنسىيىگە مەجبۇرىي چىققان ۋاقىتتا مەكتەپتە قالغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار32 نەپەرگە قىسقارغان. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىش ئالدىدا بولسا بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئازلاپ 16 غا چۈشكەن. قالغىنى ھەممىسى 104 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچى ئىكەن.
ئەخمەت مۇئەللىمنى خىتاي مۇدىر قەستلىگەن بولۇشى مۇمكىن
قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ مەكتەپتىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنىڭ ئورنىنى 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ قەدىرلىك خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى قالدۇرغان قەلب يارىلىرى ئىگىلەپ كەتكەن.
24-باشلانغۇچ مەكتەپكە لى خوڭجۈن ئىسىملىك خىتاي مۇدىر بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق تەنقىد ۋە تەنبىھ نىشانىغا ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسەتلىرى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، كەمسىتىش سىياسەتلىرى بۇ مەكتەپتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشقا باشلىغان.
خىتاي مۇدىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاشكارا غۇرۇرىغا تېگىپ، : «مەن سىلەرنى يىغىششتۇرىمەن»، «ھازىر دېگەن بىز مۇھىم ئورۇندا، سىلەر دېگەن قۇلغا ئوخشاش» دەيدىغان گەپلەرنى قىلىدىغان بولغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا ياغدۇرۇۋاتقان ھاقارەتلىرىگە، ئادالەتسىزلىككە چىداپ تۇرالمىغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئەخمەت تۇرغۇن ئاخىرى «ھەددىڭدىن ئاشتىڭ، بىز ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار، بۇنداق قىلىشقا ھەققىڭ يوق!» دېگىنىچە ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان.
باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىشى بىلەن بۇ خىلدىكى ئىختىلاپلار بىر قانچە قېتىم يۈز بېرىپ، بېسىققان بولسىمۇ لاگېرلار باشلانغان مەزگىلدە، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ بىر كۈنىدە، ئەخمەت مۇئەللىم مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىنلا، ساقچىلار تەرىپىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈلۈپ تۇتۇپ كېتىلگەن.
45 ياشلىق، بەختلىك ئائىلىسى ۋە بىر بالىسى بار، كەسىپچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان ئەخمەت تۇرغۇن مەكتەپنىڭ چېلىش ۋە پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ مەشقاۋۇلى بولۇپ، ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇنىڭ كوماندىلىرى يۈزلىگەن ئالتۇن مېدال ۋە لەۋھەلەرنى قازىنىپ مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈرگەن. بۇ نەتىجىلىك ۋە ۋىجدانلىق ئوقۇتقۇچى شۇ سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلگەنچە ھازىرغا قەدەر خەۋىرى يوق ئىكەن.
قەلبىنۇر: «مەكتەپتىكىلەر ھەممىمىز ئەخمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى، لى خوڭجۈن دېگەن قەبىھ خىتاي مۇدىرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشى دەپ گۇمان قىلدۇق، ئەمما ھېچنېمە دېيەلمىدۇق، سورىيالمىدۇق» دەيدۇ.
ئەكبەر مۇئەللىم ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنى قوغدىغىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى
«بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىقى بار» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى قەلبىنۇر سىدىق بوغۇلغان ئاۋازىنى تۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئەكبەر ئاۋۇت ئىسىملىك يەنە بىر كۆزگە كۆرۈنگەن تەنتەربىيە مۇئەللىمىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
ئەكبەر مۇئەللىم ئىككى بالىسى بار، ئەمدىلا 40 ياشتا بولۇپ مەكتەپتە ھەتتا شەھەردىكى مائارىپ ساھەسىدە ھەممىمىز ئامراق ئاجايىپ ئېسىل خۇيلۇق بىر بالا ئىدى. خىزمەتداشلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، ئەكبەر مۇئەللىم، ئۇ 2018-يىلى 9-ئايدا خوتەن قاراقاشتىكى بىر يېزا مەكتىپىگە بىر يىللىق خىزمەتكە چۈشۈرۈلگەن. بىر كۈنى مەيداندا يۈرگەن ئەكبەر مۇئەللىم ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋەت كارىدورىدىن ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كىرگەن. ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچى 10-11 ياشلاردىكى 5-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنى قاتتىق ئۇرۇۋاتقانىكەن. ئۇ خىتاي ئوقۇتقۇچى، ئەكبەرنىڭ «قولۇڭنى تارت، قىز بالىنىمۇ بۇنداق ئۇرامسەن؟» دېگىنىگە ئۇنىماي، ئۇ قىزنىڭ دەرس بىلمىگىنى، تاپشۇرۇق ئىشلىمىگىنىنى باھانە قىلىپ ئۇرۇشتىن پەسلىمىگەن. ئەكبەر مۇئەللىم چىداپ تۇرالماي ئاخىرى بېرىپ خىتاينىڭ گېلىنى سىققان ۋە تامغا بىر نەچچىنى ئۈستۈرگەن.
بىرئازدىن كېيىنلا ساقچىلار ئۇنى بېسىپ ئېلىپ كەتكەن. ئەكبەر مۇئەللىم 10 كۈندەك تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، 10 كۈندىن كېيىن قايتا تۇتۇلغان 11-ئايدا ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى جەسىتى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇلغان.
قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئايالىغىمۇ كۆرسەتمىگەن، ئۇنىڭ ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغانلىقىنى دەپ، ئايالىنى ھەتتا ئۈن سېلىپ يىغلىسىمۇ بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن تېزدىن يەرلىككە قويدۇرغان. ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەكبەر مۇئەللىم ساقچىلار تەرىپىدىن قىيىن-قىستاقتا ئۆلتۈرۈلدى دەپ ئىشىنىدىكەن.
ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر گەرچە بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب ۋە ئەندىشىلەر ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسى سوراشقىمۇ پېتىنالمايدىكەن. بۇ مەكتەپنى دوزاخقا ئايلاندۇرغان خىتاي مۇدىر لى خوڭجۈن بولسا، باشقا بىر مەكتەپكە پارتكوم سېكرتارلىقىغا تەيىنلىنىپ يۆتكەپ كېتىلگەن.
قەلبىنۇر چوڭقۇر ھەسرەت ئىلىكىدە «ۋىجدانلىق، ئادالەتپەرۋەر بۇ ئىككى قېرىندىشىم، ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسىدىكى بۇ ئىككى مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئاشۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ناھەق يوقىتىلدى، ئۆلتۈرۈلدى، بۇ باستۇرۇش بۇ ئادالەتسىزلىك ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.» دەيدۇ.