دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» بۇ يىل 2-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بۈگۈنكى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىدە شەرقىي تۈركسىتان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە كىملىكىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاي» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قانات يايدۇرۇش ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

14-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-ئۆكتەبىر. ئىستانبۇل.

ئۇ مۇنداق دېدى: «چەت ئەلدىكى دەۋادا ئۈچ ئامىل بىر يەرگە كېلىشى لازىم. بۇنىڭ بىرى، خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىككىنچىسى، خىتاي ۋەزىيىتى، ئۈچىنچىسى شەرقىي تۈركسىتان ۋەزىيىتىدۇر. ئوخشاش ۋاقىتتا، ئوخشاش يەردە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلغان چاغدا، ئاندىن بۇ دەۋيىمىز چەت ئەلدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.»

شەرقىي تۈركسىتان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئۆزىنىڭ «خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى» دېگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قىزىل سىزىقلىرى ۋە ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى 20 تۈرلۈك ئۆزگەرمەس پىرىنسىپنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى بىرمۇ-بىر شەرھىيلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىدا سۆز قىلغان ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەر، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ غەرب ئەللىرى، تۈركىيە ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋالى، جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر، مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش، ئاياللارنىڭ دەۋا ئىشلىرىدىكى رولى ۋە ئورنى قاتارلىق تېمىلاردا ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى.

14-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-ئۆكتەبىر. ئىستانبۇل.

3 كۈن داۋام قىلغان بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرىدا يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خۇلاسە دوكىلاتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى خۇلاسە قىلىپ، مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاساسىي پىرىنسىپنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاساستا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئاساسلىق نىشان قىلىشقا چاقىرىق قىلىش؛ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى مىللىي مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش؛ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دەۋادا قوللىنىلىۋاتقان ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا بۈگۈنگىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى رەسمىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يۇمشاق كۈچىنى بەرپا قىلىش؛ غەربىي تۈركىستاندا خەلق دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش؛ خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىسلام دۇنياسىدا خىتايغا قارشى كۈچلۈك جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەلىماتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش؛ تەشكىلاتلار ۋە دەۋا ئادەملىرىدە ئەھدە روھىنى بەرپا قىلىش. . .»

يىغىن قاتناشچىلىرى خۇلاسە دوكلاتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى بىردەك قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە تەدبىقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەشتى.