قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2022-يىللىق روزا ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2022.05.05
qirghizistan-qurbanliq-qurban-heyt-2.jpg قۇربان ھېيتتا ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتىلگەن خالىس ياردەم. 2019-يىلى 11-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
RFA/Féruze

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيانقى 10 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر يىلى كېلىدىغان روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ھەتتا رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر ئايلىق روزا تۇتۇش پەرزىنى ئادا قىلىپ، 2-ماي كۈنى يېتىپ كەلگەن روزى ھېيتنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.

بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىدىمۇ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە فېدىراتسىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە روزا ھېيتنى قۇتلىغانلىقى، ھېيتلىق ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە تۈرلۈك ئەنئەنە-ئۇدۇملارنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھەم دىنىي كىملىكىنى ساقلاشقا تىرىشقانلىقى مەلۇم.

ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادا تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە باي، تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر مەملىكەت. ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە چەكلەنگەن ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن ئادەتلەر، ئەنئەنىلەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ھەر يىلى كېلىدىغان روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى مەملىكەت بويىچە داغدۇغىلىق تەبرىكلەش ئەنئەنىسى يەنىمۇ كۈچەيگەن. ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاش ۋە ئۇنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشتا ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زائېتوۋ ئەپەندى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە سالاملىرىنى يوللىدى. ئۇ بۇ يىل ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قېرىنداش ئۆزبېك خەلقى بىلەن بىرلىكتە روزا ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ھېيت كۈنى يېڭى كېلىنچەكلەرنىڭ سالامىنى ئېلىش ئەنئەنىسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە فېدىراتسىيەسىنىڭ بىر قىسىم چوڭ شەھەرلىرىدە مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقى مەلۇم. رۇسىيەدە ئەسلىدە روزا ھېيت كۈنى نورمال خىزمەت كۈنى ئىدى، لېكىن بۇ يىللىق روزا ھېيت رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايراملىرىدىن بىرىگە توغرا كېلىپ قالغاچقا، رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ يىللىق روزا ھېيتنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى روزا ھېيت كۈنى جەم بولۇپ، بىرلىكتە روزا ھېيتى تەبرىكلىگەن. نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رەئىسى خەمىت توختىيېۋ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق روزا ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى تارقالغاندىن بۇيان كوللېكتىپ سورۇنلاردا ئۇچرىشىش چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىدى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم روزا ھېيت نامىزى بىشكەكتىكى «غالىبىيەت» مەيدانىدا ئوقۇلدى. بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى مەسچىتلەردە ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، روزا ھېيتنى قۇتلىدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى بۇ يىل قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ رامازان ئېيىدا ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى تارقىلىپ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، بۇ يىللىق روزى ھېيت نامىزىنىڭ تۇنجى قېتىم چەكلىمىسىز ئوقۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىللىق روزا ھېيتتا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا تىلاۋەت قىلىشقان. قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىكى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاسىيەم موللاباقىيېۋا رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق رامازان ئېيىدا ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېتىپ كەلگەن روزى ھېيتتا جامائەتنىڭ ھېيتنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئازادلىق، ئەركىنلىك تىلىگەنلىكى ۋە دۇئا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇخەممەت ئابدۇلباقى نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇلغان روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتىگە د ئۇ ق نىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن، جۈملىدىن شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى شەھەر مەيدانىدا ئوقۇغان. نامازغا قاتناشقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى جالال-ئاباد شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىرئاخۇنوۋ رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ ھېيتلىق سالامىنى يوللىدى.

رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستاندا 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدە، ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىدىكى قاراقول شەھىرى بىلەن پايتەخت بىشكەك شەھىرىدە، شۇنداقلا ئەتراپتىكى شەھەر-قىشلاقلاردا ياشايدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۆم ۋە ئىناق ياشاش، شۇنداقلا قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، ھەتتا رۇسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ساقلاپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.