قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2020.11.13
ikki-jumhuriyet-qirghizistan-2.jpg بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 12-نويابىر، بىشكەك.
RFA/Féruze

12-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى. بۇ پائالىيەتلەر قىرغىزىستاننىڭ ئۈچ شەھىرىدە، يەنى پايتەخت بىشكەكتە، چۇ ۋىلايىتىدە، جالالئاباد شەھىرىدە ۋە ئوش شەھىرىنىڭ قەشقەر قىشلاق مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ ھەمكارلىقىدا ئالامېدىن مەھەللىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. تەبرىكلەش مۇراسىمى روزىمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر مۇراسىمدا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەت مارشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئورۇندالدى، ئاندىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى يولىدا كۈرەش قىلىپ قۇربان بولغان شېھىتلارغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن قازا تاپقان قېرىنداشلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. ئەپسۇسكى، بۇ يىللىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى مەزگىلىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا شۇ يىللارنىڭ شاھىتى ۋە مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىدىن پەقەتلا بىر كىشى، يەنى ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى ھايات قالغان ئىدى. 1960-يىللاردا قىرغىزىستاندا ئۆز دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان غازى-قەھرىمانلاردىن 200 ئارتۇق كىشى بولغان ئىدى.

مۇراسىم داۋامىدا «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كوندىدات نامزىتى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا 1933-يىلى قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف ئىختىيارىي سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى غەرب ئەللىرىدە كەڭ تونۇلۇشقا باشلىغانلىقى ھەمدە كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىلمۇرات ئەكبەروف بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن كىرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇنداقلا 2021-يىلى كېلىۋاتقان لوندون سوتىدا ئۇيغۇرلار ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ، دېگەن ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان قارا-بالتا شەھىرىدىن كەلگەن شائىر مەھەمەتجان ياسىن ئەپەندى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى جامائەتچىلىك بىلەن ئۇچرىشىشقا پۇرسەت بولمىغانلىقى، بۇ قېتىملىق ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى نىشانلاش پائالىيىتىگە ئالاھىدە كېلىپ قاتناشقانلىقىنى، شۇنداقلا ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ئۇتۇقلار تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تور ئارقىلىق قاتناشتى. د ئۇ ق رەئىسىنىڭ چاقىرىقلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى جۇمھۇرىيەت كۈنى بىلەن تەبرىكلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلۈپ، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىر قاتار ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزەلمەي كەلگەن ئىدى. ھازىر قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى قايتىدىن كۈچەيمەكتە. شۇ سەۋەبتىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ۋىرۇس يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بارلىق بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلىدى.

جالالئاباد شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاياللار بىر بىرسىگە تور ئارقىلىق تەبرىك سۆزلىرىنى ئەۋەتىشتى، ئەرلار بولسا مەسچىتكە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلىدى.

قەشقەر قىشلاق مەھەللىسىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئوش ۋە قاراسۇ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى قاتنىشىپ، جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەشتى، شۇنداقلا ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتى.

ئاخىرقى ئۈچ يىل ئىچىدە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى كۈچىيىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرگە بولغان قىزىقىشى ئاشماقتا. ئۇلار قىرغىزىستاندا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.