قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەسچىتلەر ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى نامىزىدا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى

0:00 / 0:00

8-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى پەرمان چىقىرىپ، مەملىكەتتىكى جامە-مەسچىتلەرنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەملىكەتتىكى باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىر قاتاردا نامازلىرىنى مەسچىتلەردە ئۆتەشكە باشلىدى.

بۇ يىل 20-مارت كۈنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك مەسچىتلەرنى ۋاقىتلىق تاقىغان ۋە پۇقرالارنىڭ كوللېكتىپ بىر سورۇنغا يىغىلىپ ئاممىۋى پائالىيەتلەردە بولۇشىنى چەكلىگەن ئىدى. جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئىبادەتلىرىنى مەسچىتلەردە داۋام قىلالمىغانلىقى، بولۇپمۇ جۈمە ۋە تاراۋى نامازلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن بىئارام بولۇشقان ئىدى.

ئۇچۇر قوللاش ئاپپاراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-ئىيۇن كۈنىدىن تارتىپ قىرغىزىستاندا مەسچىت ۋە چېركاۋلار قايتىدىن ئېچىلغان. بۇ قارار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ باش مۇفتىسى ۋە دىنىي ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن چىقىرىلغان. لېكىن مەزكۇر قاراردا ۋىرۇسنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنغان. يەنى نۇ قارار بويىچە ھەر بىر كىشى ماسكا تاقىشى، مەسچىتلەرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىشى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا بىر-بىرىدىن ئارىلىق ساقلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرلاشقان بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىكى مەسچىتىنىڭ مۇتۋەلىسى مىرزائەخمەت سادىقوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەسچىت ۋە جامەلەردە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناماز قائىدىلىرىنىڭ بىر ئاز ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە يېقىن ئارىلىقتا مەسچىتلەردە بالىلارغا قۇرئان ئۆگىتىش دەرسلىرىنىڭ ئېچىلىدىغانلىغىنى تىلغا ئالدى.

8-ئىيۇن كۈنى، يەنى مەسچىتلەر ئېچىلغان تۇنجى كۈنى قىرغىزىستاننىڭ توقماق، كەڭبۇلۇڭ، ۋوستوك، لېبېدىنوۋكا ۋە باشقا رايونلىرىدىكى مەسچىتلەر ئېچىلىپ، بۇ جايلاردا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار جامائەت بىلەن بىرلىكتە نامازلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلغان.

رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى غەيرەت جاھانوف خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارغا نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلگەنلىگىنى بايان قىلدى. ئۇ مەسچىتكەر ئېچىلغاندىن كېيىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تۇنجى نامازلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارغا سولانغان مىليونلىغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى باش شتابىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دۆلەتتە كارانتىن تۈزۈمى يەنە داۋام قىلىدىكەن. شۇڭا پۇقرالارنىڭ تازىلىق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقىشى داۋاملىق تەلەپ قىلىنىدىكەن.

قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇس يۇقۇمى باشلانغاندىن بۇيان ۋىرۇس بىلەن يۈقۇمغانلارنىڭ سانى 2000 غا يەتكەن. يۇقۇملانغانلار ئىچىدە 365 نەپەر دوختۇر ۋە ساھىيە خادىمى بار ئىكەن. بۇ جەرياندا 20 كىشى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا تاپقان.