قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپتە مەرھۇم سەپداشلىرىنى ياد ئېتىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2023.02.27
qirghizistan-jumhuriyetlik-meshrep-1.jpg قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان چوڭ مەشرەپتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 25-فېۋرال، بىشكەك.
RFA/Féruze

25-فېۋرال قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى جۇمھۇرىيەتلىك چوڭ مەشرەپ ئۇيۇشتۇردى. مەشرەپ ساخاۋەتچى ۋە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى مەرھۇم ئىلشات ئابباسوف ۋە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم نىغمەت بوساقوفلارغا بېغىشلاندى. مەزكۇر مەشرەپكە پايتەخت بىشكەك شەھىرى ۋە چۇي ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى، شۇنداقلا قازاقىستاندىن كەلگەن زىيالىيلار ۋە بىر توپ سازەندىلەردىن بولۇپ، 500 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

مەلۇمكى مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي غۇرۇرى ۋە ئەخلاقىي خەزىنىسى. ئۇيغۇرلار مەشرەپتىن پايدىلىنىپ ياش ئەۋلادلارنى دىنىي، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللىي روھى جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك چوڭ مەشرەپنى قەدىمىي مەشرەپ قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزىدۇ، يەنى مەشرەپتە يىگىت بېشى، قازىبېگى، پاشاپپبېگى، كۆلىبېگى ۋە دارىبەگلەر ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق ئادا قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كوللېكتىپ تەرتىپ قائىدىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەشرەپنىڭ قازىبېگى غەيرەت جاھانوف مەشرەپ تەرتىپى بويىچە سۆزلەپ، مەشرەپ قائىدىلىرىنى ياشلارغا ئۆچمەس مىراس قاتارىدا قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان چوڭ مەشرەپتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 25-فېۋرال، بىشكەك.

ئادەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر بىر جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپنى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر ئىنسانلارغا ۋە تارىخىغا باغلاپ ئۆتكۈزمەكتە. مەزكۇر مەشرەپ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ئىككى ئۇنتۇلماس شەخسكە بېغىشلانغان. ئۇلارنىڭ بىرى مەرھۇم ئىلشات ئابباسوف قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ماددىي ياردەملەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا باشلامچىلىق رول ئاتقۇرۇپ «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ ماددىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا داۋاملىق قوللىغۇچىلىق رولىنى ئوينىغانىدى. ئىلشات ئابباسوف 2004-يىلى نامەلۇم قاتىللار تەرىپىدىن ئېتىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

مەشرەپ بېغىشلانغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يەنە بىر يارقىن ۋەكىلى مەرھۇم نىغمەت بوساقوفتۇر. ئۇ، 1997-يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 2000-يىلى نامەلۇم قاتىللار تەرىپىدىن ئېتىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ قاتىللىقلارنىڭ ھەممىسى سىرلىق بولۇپ بۇلارنى ئېنىقلاشنىڭ قايىل قىلارلىق نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىقمىغان.

بۇ مەشرەپنىڭ ساھىبخانلىرى شۇ ئىككى مەرھۇمنىڭ دوستلىرىدۇر. مەزكۇر مۇراسىم مەرھۇملارغا ۋە يېقىندا تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت بىلەن باشلاندى. مەشرەپ ساھىبخانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇغوپۇر ئاخۇنبايېف زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەشرەپ بېغىشلانغان ھەر ئىككى شەخس قىرغىزىستان خەلقى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئىشلارنى قىلغان ئىنسانلار دەپ تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان چوڭ مەشرەپتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 25-فېۋرال، بىشكەك.

مەزكۇر مەشرەپ داۋامىدا مەرھۇم ئىلشات ئابباسوفنىڭ ئوغۇللىرى رىشات ۋە ئەنۋەر ئابباسوفلار كۆپ يىللاردىن بۇيان رۇسىيەدە ياشىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز پىكىرلىرىنى تولۇق بايان قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ، رۇسچە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا دادىسىنىڭ مەرتلىكى ۋە مىللەتسۆيەرلىكىنى ئەسلەپ قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى بار ئىكەنلىكىگە بەك خۇشال بولغانلىرىنى ئېيتىپ ئۇيغۇر جامائىتىگە ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىق تىلىدى.

بىشكەكتىكى جۇمھۇرىيەتلىك چوڭ مەشرەپنىڭ تەرتىپى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە داۋام قىلدى. ئالدى بىلەن رىياسەتچى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف مەشرەپنىڭ يىگىت بېشى، قازى بېگى، پاششاپ بېگى، كۆل بېگى، داربېگى ۋە سازەندىلەر ئەركىن سادىقوف، شۆھرەت ياقۇبوف، ئالىمجان روزىيېف ۋە ئالمۇتا شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان «سەنئەت ئۆمىكى» توپىنى مەشرەپ ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەشرەپنىڭ سازەندىسى ھەم ياشلار مەشرىپىنىڭ ئەزاسى ئالىمجان روزىيېف، بۈگۈنكى كۈنلەردە چوڭلار ئېلىپ بارغان مەشرەپ بىلەن ياشلار مەشرىپىنىڭ پەرقى، مىللىي ئەسۋابلارنىڭ يوقىلىشى ۋە ئانا تىل مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ياشلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك چوڭ مەشرەپلەردىن پايدىلىنىپ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان چوڭ مەشرەپتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 25-فېۋرال، بىشكەك.

مەزكۇر مەشرەپكە يەنە قازاقىستاندىكى ئالمۇتا شەھىرىدىن كەلگەن پروفېسسور تۇرسۇنمۇھەممەد روزىيېف تەكلىپ قىلىندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرسۇنمۇھەممەد ئەپەندى، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپلەر بىلەن قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەشرەپلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپلىرىدىكى بەزى ئوخشىماسلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر مەشرەپلىرى قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر مىللىي ئەنئەنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ مەشرەپلەرنى يەنە 30 ئوغۇل مەشرىپى دەپمۇ ئاتىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.