17-ئاۋغۇست كۈنى ئورتا ئاسىيادا داڭلىق «ۋوناما فېشن» مودا ئۆيىنىڭ شاگىرتلىرى ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى نامايان قىلىشتى.
مەزكۇر مودا نامايىشى ئارزۇبېك ئامانوف ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس كىيىم لايىھەلىگۈچىلەر مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر مودا پائالىيىتى بىشكەك شەھىرىدىكى «خانگار مېدىئا» مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. «ۋوناما فېشن» مۇسابىقىسىگە ياش ئۇيغۇر لايىھەلىگۈچى گۈلبانۇ ھاشىموۋا قاتنىشىپ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.
«ۋوناما فېشن» مودا ئۆيى ياش لايىھەلىگۈچىلەرنى قوللاش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە بۇ پائالىيەت يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، قاتناشقۇچىلارغا چوڭ مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بېرىدىكەن. دەسلەپتە مەزكۇر مودا مۇسابىقىسىگە 21 لايىھەلىگۈچى قاتناشقانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر كىيىم لايىھەلىگۈچىسى گۇلبانۇ ھاشىموۋامۇ بار ئىدى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ۋوناما فېشن» مودا ئۆيىنىڭ رەھبىرى ئارزۇبېك ئامانوف، قاتناشقۇچىلار ئۈچ ئايدىن بۇيان تەييارلىق قىلىپ ھەر خىل تېخنىكىلارنى قوللىنىش نەتىجىسىدە ئۆزلىرى لايىھىلىگەن كىيىم مودىلىرىنى نامايان قىلغانلىقى، شۇنداقلا گۈلبانۇ ھاشىموۋانىڭ چېۋەرلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا بىز كۆپ تەييارلىق قىلدۇق. شاگىرتلارنىڭ كۆپ قىسمى تەجرىبىسىز لايىھەلىگۈچىلەر ئىدى. لېكىن ئۈچ ئايدىن بۇيان تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى نامايان قىلماقتا».
مودا مۇسابىقىسىنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ھەر بىر قاتناشقۇچىغا تاپشۇرۇق بېرىلدى. ئۇلار پەقەت ئىككى رەڭ ئىشلىتىپ ئۈچ خىل بايراملىق لىباس لايىھەلىشى كېرەك ئىدى. گۈلبانۇ ھاشىموۋا ئۆزىنىڭ لايىھىلىگەن كىيىم مودىلىرى يىغىندىسىنى «يىپەك يولى» دەپ ئاتاپ كۆك ۋە ئالتۇن رەڭلەرنى ئىشلەتتى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈلبانۇ ھاشىموۋا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆر رەڭنى تاللىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنى ئۇيغۇر بايرىقىغا ئوخشىتىش بىلەن بىرگە بۇ رەڭنى يەنە ئەركىنلىك رەڭگى دەپ تونۇغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ۋوناما فېشن» مودا مۇسابىقىسى قىرغىزىستان كىيىم مودىسى ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى بىر پائالىيەت دەپ سانىلىدۇ. مەزكۇر پائالىيەتكە 300 دىن ئوشۇق تاماشىبىن قاتناشتى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياش ئۇيغۇر قىزلار، «ۋوناما فېشن» كىيىم لايىھىلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر قىزى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن بەك غورۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر مەملىكەت. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قىرغىزىستان ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ، شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆز مەدەنىيەت-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك يارىتىلىپ بېرىلدى. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ، مىللىي ساز ۋە ئۇسسۇل ئانسامبىلى قۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىنتىزار» مىللىي ساز ئانسامبىلىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى تۇرسۇنئاي ئىسلام قىرغىزىستان ئۇيغۇر سازەندىلىرىنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە بايان قىلىپ، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتتى.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى، بولۇپمۇ ياشلار ئۆز مىللىي كىملىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. ئانا تىل مەسىلىسى چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ياشلار گۆدەكلەر ئۈچۈن تونۇلغان كارتون فىلىملارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتى. ياشلارنىڭ ئۆم بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بىلىم مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نوۋوپوكروۋكا يېزىلىق گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى پەرىدە نىزامىدىنوۋا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتتى.
رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياش كىيىم لايىھەلىگۈچىسى گۈلبانۇ ھاشىموۋانىڭ ئانىسى نىليۇفەر خانىم، بىر ئانا سۈپىتىدە قىزىنىڭ نەتىجىسىدىن بەك پەخىرلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ كېلەچەكتە ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەك سەنئىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىن ۋە ئىمكان بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەتلەس ۋە باشقا مىللىيلىككە ئىگە رەخت ھەم توقۇمىچىلىق ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قىزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر مىللىي كىيىم لايىھىلىرىنى ئىشلەپ چىقىشىنى ۋە ئۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى 60 مىڭغا يېقىن دەپ سانىلىدۇ. ئۇلار ئۆز قابىلىيىتى بىلەن ھۆكۈمەت تەقدىرنامىلىرىگە ئېرىشىپ، شۇنداقلا ھەر ساھەلەردە يۇقىرى ئۇنۋانلارغا ئىگە بولۇشتى. ئۇلارنىڭ قاتارىدا قىرغىزىستاندا تونۇلغان ناخشا چولپىنى، قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى سۇلتان كەرىموف، قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن رەسسام سابىت باباجانوف، قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى زەيتۇنە نارىنبايېۋا، مېدىتسىنا ساھەلەردە نۇرمۇھەممەت باباجانوف، يارمۇھەممەت ئابدۇلباقى ۋە باشقىلار ئۆز ساھەلىرىدە پۈتۈن قىرغىزىستان بويىچە مەشھۇر ئەربابلاردۇر. ئىسپورت ساھەلەردىمۇ نۇرغۇن قابىلىيەتلىك ئىسپورتچىلار بار. ياشلار ئارىسىدىمۇ ئۆز مىللىتىنى تونۇتقان ياش سەنئەتكارلار زارىنا ئىبدىمىنوۋا، گۈلناز مەخسۇتوۋا، زەيتۇنە خاتباقىيېۋالار خەلقئارالىق دەرىجىدىكى تەقدىرنامىلەرگە ئىگە بولۇشتى.
0:00 / 0:00