مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلغان «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىلليۇنلىغان مۇسۇلمانلار سولىنىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر شۇ لاگېرلاردا قازا قىلدى ياكى ئېغىر كېسەللەرگە مۇپتىلا بولدى.
2019-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىنى ئالدى، ئىنسانلارنىڭ نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. قىرغىزىستان 2020-يىلنىڭ مارت ئېيىدىن تارتىپ تاكى ئىيۇن ئېيىغىچە مەزكۇر ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ يامراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دۆلەت بويىچە كارانتىن تەدبىرلىرى ئېلىپ، پايتەخت بېشكەك ۋە باشقا شەھەرلەردە جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەن ئىدى. لېكىن قىرغىزىستان قوللانغان چارە-تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولمىدى. بۇ يىلنىڭ ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى قاتتىق يامراپ كېتىپ، مەملىكەتتە 1500 ئوشۇق كىشى قازا تاپتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار.
كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار كۈچ چىقىرىپ، ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشتى. دوختۇر ۋە سەھىيە خادىملىرىنى ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلىدى، تۇرمۇشى ناچار ئائىلىلەرگە ياردەم كۆرسىتىپ، دورا-دەرمەكلەرنى ۋە ئوكسىگېن بېرىدىگەن ئاپپاراتلارنى ئېلىپ بەردى، ھەتتا يېزىلاردا ئۆزلىرى كۈچ چىقىرىپ دوختۇرخانىلارنى ئاچتى.
ۋىرۇس سەۋەبىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى پائالىيەتلىرى بىراقلا توختاپ قالدى. ھەر يىلى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى چوڭ ۋەقەلەرگە ئاتاپ خاتىرىلىنىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەر ۋە مۇراسىملارئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
31-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى خىتاينىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلىرىدا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىغا ۋە قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى ئاغرىقى ۋە باشقا ئاغرىقلاردىن قازا تاپقان قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ، خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزدى. مۇراسىم بېشكەك شەھىرىنىڭ «ئاۋات» كافېخانىسىدا ئۆتكۈزۈدى. مەزكۇر مۇراسىمغا قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، بېشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.
قىرغىزىستان خەق بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋى رەئىسى راۋشان سابىروۋ ئۆز نۇتۇقىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بىز ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇيغۇر خەلقى قەدىمىي باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر خەلق. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە باي ئۆرپ-ئاداتلىرى شۇنداقلا گۈزەل ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى بىلەن داڭلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن بۇ مۇراسىمغا جەم بولۇپ، مىللىي ۋە دىنىي ئادەتلىرىمىزنى ئۆتكۈزمەكتىمىز. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ باشقا بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بار. مۇشۇ ئالتە ئاي جەريانىدا بىز كۆرۈشەلمىدۇق، ئەمما ئارىمىزدا بىرەرسىنىڭ قېرىندىشى ۋاپات بولغان بولسا، شۇ قېرىندىشىمىزغا ئاتاپ، قۇرئان تىلەۋەت قىلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى مۇراسىمدا مەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە پەرز ۋە قەزر بولغان مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلغانلىقىم ئۈچۈن بەك خۇشالمەن.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقار قاسىمى بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بەزى ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزەلمەي قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ يىل قىرغىزىستاندا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمانوف ۋە ئابدۇرېشىت سەلىموفالارنىڭ باقىي دۇنياغا سەپەر قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ۋە نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى غەيرەت جاھانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇراسىمغا قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى قاتناشقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ دۆلەتتكى ئۇيغۇر جاماتچىلىكىنى باشقا پۇقرالار بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، قىرغىزىستاندا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى قايتىدىن يامرىماقتا. ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە خادىملىرى بۇ ئاغرىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئاھالىلەرنى شەخسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تەۋسىيە قىلماقتا. ششخانىلارنىڭ ئىش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەكتە.
شۇنداق بولسىمۇ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋىرۇس يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بارلىق بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا 12-نويابىردا يېتىپ كېلىدىغان شەرقىي تۈركىستانجۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەشنى قارار قىلدى.
0:00 / 0:00