قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ 30 يىللىقى خاتىرىلەندى

بىشكەكتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2024.07.15
ittipaq-geziti-07

زىيارەتچىلەر گېزىت ئارخىپىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، لېبېدىنوۋكا، قىرغىزىستان RFA/Feruze

ittipaq-geziti-06

ئىتتىپاق گېزىتىدە خىزمەت كۆرسەتكەن قىزلار تەقدىرنامە ئالغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، لېبېدىنوۋكا، قىرغىزىستان RFA/Feruze

ittipaq-geziti-05

ئىتتىپاق گېزىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىلەن قازاقىستانلىق مېھمانلار بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، لېبېدىنوۋكا، قىرغىزىستان RFA/Feruze

ittipaq-geziti-04

ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى تۇرسۇنتاي سالىموۋ، قازاقىستاندىن ۋاقاس مامەدىنوۋ ۋە مۇزەپپارجان قۇربانوۋلار سۆھبەتتە. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، لېبېدىنوۋكا، قىرغىزىستان RFA/Feruze

ittipaq-geziti-03

«ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، لېبېدىنوۋكا، قىرغىزىستان RFA/Feruze

ittipaq-geziti-02

قازاقىستانلىق مېھمانلار سوۋغات تاپشۇرماقتا. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، لېبېدىنوۋكا، قىرغىزىستان RFA/Feruze

ittipaq-geziti-01

تاجىك تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «Paemi Ala Too» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇكادىر مۇرىۋاتوۋ نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، لېبېدىنوۋكا، قىرغىزىستان RFA/Feruze

13-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاننىڭ لېبېدىنوۋكا يېزىسىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى. پائالىيەتكە قىرغىزىستان خەلقلىرى بىرلەشمىسى (ئاسسامبلېيەسى) كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۆھرە شىداكوۋا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، شۇنداقلا قازاقىستاندىن كەلگەن جامائەت ئەربابى، سەنئەت سۆيەر ۋەققاس مەمەدىنوۋ باشلىق بىر توپ زىيالىيلار، مۇخبىرلار، بىشكەك شەھىرى ۋە چۇ ۋىلايىتىنىڭ تەركىبىدىكى يېزا ۋە رايونلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى بولۇپ 300 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر پائالىيەت «ئىتتىپاق» گېزىتى تەھرىرات بۆلۈمىنىڭ تەشەببۇسى ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلدى. پائالىيەت «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى كالىنىنا مەھەللىسىنىڭ يىگىت بېشى رەھىمجان توقايېۋ «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، «ئىتتىپاق» گېزىتىنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى چوڭ-كىچىك ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پائالىيەت داۋامىدا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسى تۇرسۇن نازاروۋ سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، مەزكۇر گېزىت دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە مۇشتەرى توپلاش ۋە گېزىتنىڭ سانىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان خەلقلىرى بىرلەشمىسى (ئاسسامبلېيەسى) كېڭەشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۆھرە شىداكوۋا، مەزكۇر گېزىتنىڭ 30 يىللىق مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «30 يىل تارىخ ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئەمەس، لېكىن كىچىك بىر گېزىت ئۈچۈن 30 يىل ناھايىتى زور پىداكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ گېزىت جامائەت ئىشلىرىنى، قىرغىزىستاندىكى پائالىيەتلەرنى، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئۇچۇرلارنى ئۆز سەھىپىلىرىدە يورۇتۇپ كەلدى. بۇ گېزىتنىڭ قىرغىزىستاندىلا ئەمەس، بەلكى يەنە قازاقىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوقۇرمەنلىرى بار. بۈگۈنكى پائالىيەتتىن مەن بەك تەسىرلەندىم، شۇ گېزىتنىڭ ئاقساقاللار ئۈچۈن نەقەدەر قىممەتلىك بولغانلىقىنى كۆردۈم، شۇ گېزىتنى ئاساس قىلىش بەك توغرا قارار بولغانىكەن، سىلەر گېزىت ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىيىتىنى باشقا ئەللەرگە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋېتىپسىلەر. مەن ‹ئىتتىپاق› گېزىتىنىڭ تەھرىرات بۆلۈمىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن! »

پائالىيەت داۋامىدا گېزىت پىدئىلىرىغا، گېزىتنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن كىشىلەرگە تەقدىرنامە ۋە تەشەككۈرنامىلار تەقدىم قىلىندى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان نوۋوپوكروۋكا مەھەللە مەشرىپىنىڭ پاششاپ بېگى ئىسمائىل ئەنساروۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېزىتتىكى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

1994-يىلى 25-مارت كۈنى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ بىرىنچى سانى چىققانىدى. 30-يىل جەريانىدا «ئىتتىپاق» گېزىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. ئەينى ۋاقىتتا كومپيۇتېر ۋە باسما تېخنىكا ۋاسىتىلىرى بەك تۆۋەن بولغاچقا، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى باسما ئۆيىنى تېپىش بەك قىيىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ گېزىتنىڭ ئالدىنقى تۇنجى تۆت سانىنى مەرھۇم ئەزىمجان نىزامى قولدا يېزىپ چىققان بولۇپ، كېيىنچە پىدائىيلارنىڭ كۈچى بىلەن خەت بېسىش ماشىنىسىدا بېسىپ تارقىتىلغان ئىدى.

1996-يىلى قىرغىزىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۈچ ئاي توختىتىپ قويغان ئىدى، شۇ ۋاقىتتا مەزكۇر گېزىتمۇ توختاپ قالدى.

1997-يىلى گېزىتنىڭ نامى «ۋىجدان ئاۋازى» غا ئۆزگەرتىلىپ نەشر قىلىندى. 1998-يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ بۇ گېزىت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەشر ئورگىنى سۈپىتىدە قايتىدىن «ئىتتىپاق» گېزىتى دېگەن نام بىلەن چىقىشقا باشلىدى.

 «ئىتتىپاق» گېزىتى دەسلەپتە پەقەت 4 بەتلىك بولغان، كېيىن 8 بەتلىك، ئاخىرىدا بۈگۈنكى 16 بەتلىك گېزىتكە تەرەققىي قىلدى. بۈگۈن بۇ گېزىت ئۇيغۇر، رۇس ۋە قىرغىز تىللىرىدا رەڭلىك ھالەتتە نەشر قىلىنماقتا. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ماقالىلەر ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە كىرىل ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن نەشر قىلىنىدۇ. «ئىتتىپاق» گېزىتى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي گېزىتى بولۇپ، نۆۋەتتە 3300-سانى نەشر قىلىندى. بۇ گېزىت ھازىر قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تارقىتىلماقتا، شۇنداقلا تۈركىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلېكتىرونلۇق نۇسخاسى تور ئارقىلىق ئەۋەتىلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.