5-ئىيۇل خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار يول توسۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن يۈزلەرچە كىشى، 5-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا شەھەرنىڭ تاڭجياڭ دەپ ئاتىلىدىغان بازار ئەتراپىدىكى خېبېيلۇ دېگەن كوچىغا توپلىشىپ يول توسۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.07.09

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا تيەنجىندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 13 ياشلىق بىر بالا غايىب بولۇپ كەتكەن. غايىب بولغان بالىنىڭ يېقىنلىرى ساقچىغا بېرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلغاندا، ساقچىلار ۋەقەگە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلغان ۋە غايىب بولغان بالىنىڭ دېلوسى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن.

نەتىجىدە ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب بولۇپ كېتىش ۋەقەسىگە تۇتقان بۇ خىل بىپەرۋالىقىغا قارىتا يۇقىرىقىدەك شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يول توسۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 20 مىنۇت ئەتراپىدا داۋام قىلغان؛ بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ مەزكۇر تەۋەلىكىدە ئېغىر دەرىجىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا بولغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يۈزدىن ئارتۇق ساقچى يېتىپ كېلىپ ۋەقەگە ئارىلاشقان؛ ئەمما يول توسۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تيەنجىندە يول توسۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ خوتەندە يۈز بەرگەن ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن بىر ھەپتە كېيىنگە ۋە 5-ئىيۇل كۈنىگە توغرا كېلىشى كۆزەتكۈچى ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.