خىتاي تۈرمە دائىرىلىرى ئالىم ھېمىتنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىنى توختاتقان

"دۆلەت مەخپىيەتلىكى"نى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان قەشقەرلىك ئۇيغۇر خرىستيان مۇرىتلىرىدىن ئالىمجان ھېمىتنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشى رەت قىلىنغان. مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى"نىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۈرۈمچى 3 - تۈرمىدە ئۆتەۋاتقان ئالىمجان ھېمىتنىڭ، 6 - ئايدا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشى رەت قىلىنغان.

خىتاي قانۇنى بويىچە مەھبۇسلارنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئائىلە - تاۋاباتى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر سىياسى ۋە دىنىي دىلولاردا بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىپ كەلگەن ئىدى. ئالىمجان ھېمىت 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، قەشقەردىن ئۈرۈمچى 3 - تۈرمىگە يۆتكەپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۇنى يوقلاپ تۇرغان.

ئۇلار ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 5 - ئايدا يوقلاپ بارغان بولۇپ، تۈرمە دائىرىلىرى 6 - ئايدا ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈشىنى رەت قىلغان. گەرچە ئالىمنىڭ ئايالى ئۇنىڭ بىلەن 7 - ئايدا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭدىن بېرى تۈرمە دائىلىرى ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە مەھبۇسنىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن يەرلىك ساقچىنىڭ خېتىنى ئېلىپ كېلىشنى شەرت قىلىپ قويغان.

"جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" ئالىمجاننىڭ دىلوسىنى "ئېغىر زىيانكەشلىك ۋەقەسى" دەپ ئەسكەرتىپ، بۇ دىلو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ب د ت نىڭ قاماقتىكى مەھبۇسلار خىزمەت گۇرۇپپىسى 2009 - يىلى ئالىمجاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى قانۇنسىز دەپ قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.